باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنى ئەجەللىك قوراللار بىلەن تەمىنلەش-تەمىنلىمەسلىكنى تېخى قارار قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى

2015.02.12 10:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما زىيارەتكە بارغان گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن تۈنۈگۈن ئاقسارايدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، بىز ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى دىپلوماتىيە يولى بىلەن ھەل قىلىش ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىمىز، دېدى. ئوباما يەنە ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنى ئەجەللىك قوراللار بىلەن تەمىنلەش-تەمىنلىمەسلىكنى تېخى قارار قىلمىدۇق، دېدى.

  ئىككى رەھبەر ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ھەربىي ۋاسىتە ئۇكرائىنانىڭ شەرقى قىسمىدىكى قانلىق توقۇنۇشنى تىنجىتالمايدۇ، دەپ تەكىتلىدى. ئوباما مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ شەرقى قىسمىدىكى ئەلئىچى قوراللىق كۈچلىرى «مىنىسكى كېلىشىمىدە بەرگەن ۋەدىسىگە ئېنىق خىلابلىق قىلدى»، رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىن چېكىنىپ چىقمايلا قالماستىن، قوراللىق خادىملارنى داۋاملىق مەشىق قىلدۇردى ھەمدە ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەت ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قوزغىشىغا ياردەم بەردى»، شۇنىڭ بىلەن بىرگە نۇرغۇن تانكا، بىرونىۋىك ۋە ئېغىر تىپتىكى زەمبىرەكلەرنى كىرگۈزدى.

  ئوباما مۇنداق دېدى: مېركېل ئىككىمىز 21-ئەسىردە ياۋروپا چېگرىسىنى قورال ئارقىلىق قايتىدىن بېكىتىشكە يول قويغىلى بولمايدۇ، دەپ قارايمىز، بىز ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرىغا قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى ياردەم بەرگىلى بولىدىغانلىقىنى مۇزاكىرە قىلدۇق. مەن ئۆز كوللىكتىپىمدىكىلەردىن بارلىق تاللاشلارنى ئەستايىدىل ئويلىشىشنى تەلەپ قىلدىم، ئۇكرائىناغا ئەجەللىك مۇداپىئە قوراللىرى بېرىش بۇ تاللاشلارنىڭ بىرى. ئەمما مەن تېخى قارار چىقارمىدىم، مەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن داۋاملىق كېڭىشىمەن. ئەمما بۇ ھەپتىدىكى دىپلوماتىيە تىرىشچانلىقى مەغلۇب بولسا، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا داۋاملىق بىرلىشىپ كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرىدۇ.

  مېركېل مۇنداق دېدى: گېرمانىيە ۋە ئىتتىپاقداشلىرى نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى دىپلوماتىك يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىدۇ.

  يېقىندا گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە رەھبەرلىرى دىپلوماتىك ياراشتۇرۇش تىرىشچانلىقىنى كۈچەيتتى. مېركېل بىلەن فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى 6-فېۋرال كەچتە موسكىۋادا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلدى. مېركېل، ھوللاندى، پۇتىن ۋە ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشېنكو 8-فېۋرال تېلېفون يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 11-فېۋرال بېلىرۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنىسكىدا تۆت تەرەپ ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى. ئەمما مېركېل بىلەن ھوللاندى ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىگە ئەجەللىك قوراللار ياردەم قىلىشقا قارشى تۇردى. ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ بەزى ئەزالىرى ئاقساراينى بۇ ياردەمنى بېرىشكە دەۋەت قىلدى. رۇسىيە غەرب ئەللىرىنىڭ رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئەلئىچى قوراللىق كۈچلىرىگە قورال-ياراق ياردەم قىلدى ھەمدە رۇسىيە ئارمىيەسىنى ئەۋەتىپ توقۇنۇشقا ئارىلاشتۇردى، دېگەن ئەيىبلەشلىرىنى ئىنكار قىلىپ كەلدى. 26-يانۋار پۇتىن ئۇكرائىنا دائىرىلىرى دونباس رايونىدىكى توقۇنۇشنى تىنچ ھەل قىلىش يولىنى رەت قىلىپ، كىرىزىسنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى خالىمىدى، دېدى. شۇ كۈنى رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى راۋلوۋ ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇكرائىنا دائىرىلىرىگە قورال كۈچى ئىشلىتىشنى قوللاش سىگنالى بەرگەنلىكىنى تەنقىد قىلىپ: غەرب ئەللىرى ئۇكرائىنا دائىرىلىرىنى قورال ئىشلىتىشكە كۈشكۈرتتى، بۇ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈشى-يارىلىنىشى، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دېدى.

  ئوباما بىلەن مېركېل ئاقسارايدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە يەنە ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتى، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

  2014-يىلى 5-سىنتەبىر، ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى قوراللىق كۈچلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن مىنىسكىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلدى. 19-سىنتەبىر ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى قوراللىق كۈچلەر ۋەكىلى بىلەن ئەسلەتمە ئىمزالاپ، 30 كىلومېتىر كەڭلىكتىكى توقۇنۇشسىز رايون قۇرۇشنى بېكىتتى. توقۇنىشىۋاتقان ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە ئىشەنمىگەچكە، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ۋە ئەسلەتمە ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشمىدى. بۇ يىل 16-يانۋاردىن باشلاپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى قوراللىق توقۇنۇش ئەۋج ئېلىپ، ۋەزىيەت جىددىي يامانلاشتى.

  ئوباما 2014-يىلى 12-ئايدا ئامېرىكا پارلامېنتى ماقۇللىغان «ئۇكرائىنانىڭ ئەركىنلىكىنى قوللاش قانۇن لايىھەسى»گە ئىمزا قويدى. بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ مەزمۇنى 2015-مالىيە يىلىدا 350 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىپ ئۇكرائىنانى تانكائاتار زەمبىرەك ۋە بىرونىۋىك تېشەر ئوق قاتارلىق قورال-ياراقلار بىلەن تەمىنلەش ھەمدە ئوبامانىڭ ئۇكرائىنانى ھەربىي قورال-جابدۇقلار بىلەن تەمىنلىشىگە ھوقۇق بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر