باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى تارماق بىرلىشىپ نەق مەيدان يىغىنى ئېچىپ، مېيىپلەرنى يۆلەش بازىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2019.04.28 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ بەيسې شەھىرىدە مەملىكەتلىك مېيىپلەرنى يۆلەش بازىسى نەق مەيدان يىغىنى ئاچتى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى ۋە مېيىپلەرنى يۆلەش بازىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نامرات مېيىپلەر ئائىلىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمنى ئاشۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  27-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار بەيسې شەھىرى تيەنياڭ ناھىيەسى، پىڭگو ناھىيەسىدىكى مېيىپلەرنى يۆلەش بازىسىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە چۈشتىن كېيىن گۇاڭشى، جياڭشى، خۇنەن، يۈننەن، شەنشى، گۈيجۇ قاتارلىق جايلارنىڭ مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە مېيىپلەرنى يۆلەش بازىسى قۇرۇلۇشىنىڭ تەجرىبە-ئۇسۇللىرىنى سىن ئارقىلىق ئالماشتۇردى.

  گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: نامرات مېيىپلەرنى يۆلەش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بىرىنچىدىن، نىشان ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ ئىككىنچىدىن، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، «سۇ باستۇرۇپ سۇغىرىش»نىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ ئۈچىنچىدىن، يۆلەشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق يۆلەشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر قېتىم يۆلەش بىلەنلا تۈگەپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ تۆتىنچىدىن، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ بەشىنچىدىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، قايتا باش كۆتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر