خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-ئاپرېل سائەت 10دىن 07 مىنۇت ئۆتكەندە، نەق مەيداندىكى باش قومانداننىڭ بۇيرۇقى بىلەن، «خۇالۇڭ 1-نومۇر» يەر شارى بويىچە تۇنجى دۆۋە رېئاكتورى، جۇڭگو يادرو گۇرۇھى فۇچىڭ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى 5-نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ بىر قېتىملىق سۇ بېسىمى سىنىقى رەسمىي باشلاندى. بۇ گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ 50 كۈن بۇرۇن سوغۇق ھالەتتىكى ئىقتىدار سىنىقى قوزغىتىلىپ، قۇراشتۇرۇش باسقۇچىدىن ئومۇميۈزلۈك تەڭشەش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
سوغۇق ھالەتتىكى ئىقتىدار سىنىقى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال مەخسۇس تەڭشەش سىنىقى بولۇپ، ئاساسلىق مەقسىتى بىر قېتىملىق يول سىستېمىسى ۋە ئۈسكۈنىسى ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە تۇرۇبىسىنىڭ يۇقىرى بېسىم ئاستىدىكى تۈرلۈك ئىقتىدارىنى دەلىللەش ھەمدە ھەرقايسى بېسىم سۇپىسى ئاستىدا ئاساسىي سىستېما ۋە قوشۇمچە سىستېمىغا مۇناسىۋەتلىك تەجرىبە ئېلىپ بېرىش بولۇپ، پۈتكۈل رېئاكتورنىڭ ئىقتىدارىنى تۇنجى قېتىم ئومۇميۈزلۈك سىناق قىلىش ھېسابلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى