باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۇ جاۋسەي خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ كېڭەش ئەزاسى بولۇپ سايلاندى

2019.04.08 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6- چېسلا، مالايسىيا كۇئالالۇمپۇردا ئۆتكۈزۈلگەن 29- نۆۋەتلىك ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلتىيىدا، يىغىندا بېلەت تاشلاش ئارقىلىق، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئاسىيا رايونىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك كېڭەش ئەزاسى سايلاپ چىقىلدى. دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى دۇ جاۋسەي خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ كېڭەش ئەزاسىلىققا سايلاندى. ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2019- يىلىدىن 2023- يىلىغىچە بولىدۇ.

  رەئىس سالمان ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىس سايلىمىدىكى بىردىنبىر نامزات سۈپىتىدە يەنە داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەشكە تەيىنلەنگەنلىكى ئۈچۈن، شۇنىڭغا ئۇلاپلا ئېلىپ بېرىلغان خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئاسىيا رايونىنىڭ كېڭەش ئەزالىرى سايلىمى بولسا، شۇ كۈنكى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان قارالما نۇقتىسى بولۇپ قالدى. خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى كېڭىشى بولسا، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ ھوقۇقلۇق ئاپپاراتى ھېسابلىنىدۇ. خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئاسىيا رايونىنىڭ كېڭەش ئەزاسى بولسا، خەلقئارا پۇتبول ئىشلىرىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ، ھەمدە ئاپتوماتىك ھالدا ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق رولىنى ئوينايدۇ، ھەم شۇنداقلا خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ۋە ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىدە قوش تەدبىر بەلگىلەش سالاھىيىتىگە ئىگە.

  بېلەت تاشلاش ئارقىلىق، دۇ جاۋسەي بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئاسىيا رايونىنىڭ كېڭەش ئەزالىقىغا سايلانغانلار ئىچىدە يەنە ياپونىيەدىكى تاجىما يۇكىمى، ھىندىستاندىكى پاتېل، فىلىپپىندىكى مارىيانو، قاتاردىكى سائۇد قاتارلىقلارمۇ بار؛ بېنگالدىكى ماخېفۇزا ئايال كېڭەش ئەزاسى بولۇپ سايلاندى.

  ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ۋەكىللىرى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇدىرىيىتىدە يەتتە ساننى ئىگىلەيدۇ. بۇ قېتىم سايلاپ چىقىلغان ئالتە نەپەر كېڭەش ئەزاسى (بىر نەپەر ئايال كېڭەش ئەزاسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن باشقا، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇدا تەيىنلەنگەن ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى سالمانمۇ خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئاسىيا رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۈپىتىدە بىر كېڭەش ئەزاسى ئورنىنى ئىگىلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر