باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى قۇرۇلمىنى يەنىمۇ تەڭشەپ ۋە ياخشىلاپ، مائارىپ خىراجىتىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا «پىكىر» تارقاتتى

2018.08.28 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «قۇرۇلمىنى يەنىمۇ تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، مائارىپ خىراجىتىنى ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى پۇختا ئىگىلەپ، مائارىپنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مائارىپ خىراجىتىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ سەرخىللاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش، مائارىپ تەرەققىياتى تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: «ئالدىن كاپالەتلىك قىلىش، سېلىنمىنى زورايتىش، چامىنىڭ يېتىشىچە تىرىشىش، مادارىغا يارىشا ئىش كۆرۈش، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئىسـلاھـاتـنى چـوڭقۇرلاشتۇرۇش، نەتىجە-ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ خىراجىتى سېلىنمىسى، ئىشلىتىلىش، باشقۇرۇشقا قارىتا تۆۋەندە ئېنىق تەلەپلەر قويۇلۇپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  تولۇق تېكىستىنى تۆۋەندىكى مەنبەنى بېسىپ كۆرۈڭ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر