باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئازراق كېلىشەلمىسىلا ئاجرىشىدىغانلارغا قارىتا قانۇندا ئاۋۋال بىر ئاي ئۆزىنى بېسىۋېلىش بەلگىلەنمەكچى

2018.08.28 12:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گەنسۇ ئۆلكىسى لەنجۇ شەھىرى چېڭگۈەن رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىسى جى چۈنخۇي 2010-يىلىدىن بۇيان ئەترەت باشلاپ گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى تۇنجى «تويدىن ئاجرىشىدىغانلارغا نەسىھەت قىلىپ ياراشتۇرۇش» ھېسسىيات جەھەتتىن ھەل قىلىش ئىشخانىسى قۇرۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاجرىشىش گىردابىغا بېرىپ قالغان 6000 جۈپتىن ئارتۇق ئەر-خوتۇننى كۈتۈۋېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى.

  ئەمما، جى چۈنخۇي قاتارلىقلارنىڭ كۈچى يەنىلا چەكلىك. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان 2017-يىللىق ئىجتىمائىي مۇلازىمەت تەرەققىياتى ئىستاتىستىكا ئاخبارات سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى، ئېلىمىزدە 4 مىليون 374 مىڭ جۈپ ئەر-خوتۇن ئاجراشقان بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %5.2 ئاشقان. سانلىق مەلۇماتتا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتى يىلدىن-يىلغا كۆپىيىپ، 2010-يىلىدىكى ‰2تىن 2017-يىلىدىكى ‰3.2كە يەتكەن.

  8-ئاينىڭ 27-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرۇلغان ھەق تەلەپ قانۇنى قائىدىسىنىڭ ھەر قايسى تارماق لايىھەسىدە، مۇنداق بىر بەلگىلىمە چىقىرىلدى: يەنى، توي تىزىملاش ئورگىنى ئاجرىشىشنى تىزىملاش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بىر ئاي ئىچىدە، تويدىن ئاجرىشىشنى خالىمىغان ھەرقانداق بىر تەرەپ توي تىزىملاش ئورگانلىرىدىن ئاجرىشىش ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋېلىشقا بولىدۇ.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قانۇنشۇناسلىق ئورنى ھەق تەلەپ قانۇنى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شې خوڭفېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: لايىھەدە، تويدىن ئاجرىشىشتا ئۆزىنى بېسىۋېلىش مەزگىلى تەسىس قىلىش ئاساسلىقى توينىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يېنىكلىك بىلەن تويدىن ئاجرىشىش ھەرىكىتىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان. بىر ئايلىق مۆھلەت − تويدىن ئاجرىشىش ئەركىنلىكى ۋە توي مۇقىملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى خىل قىممەتنى ماسلاشتۇرۇشنىڭ نەتىجىسى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ھەق تەلەپ قانۇنى قائىدىسىنىڭ توي - ئائىلە قائىدىسى لايىھەسىدە، تويدىن ئاجرىشىشتا ئۆزىنى بېسىۋېلىش مەزگىلى بەلگىلىمىسى كۆپەيتىلگەندىن سىرت، يەنە تويدىن ئاجرىشىش تۆلىمى تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن. تويدىن ئاجرىشىش زىيىنى تۆلىمى تۈزۈمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جازالاش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، توي مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، لايىھەدە تويدىن ئاجرىشىش زىيىنى تۆلىمىدىكى كاپالەت ماددىلىرى كۆپەيتىلگەن بولۇپ، ھەقىقەتەن قارشى تەرەپكە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن باشقا بەزى ئەھۋاللار زىيان تۆلىمى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر