باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ 1– يىغىنى ئېچىلدى

يىغىندا شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا بولغان مەركەزلىك ۋە بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى پۇختىلاش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزۈشتىكى كاپالەتلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭلار يىغىنغا قاتناشتى

2018.08.27 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىك قىلىشى بىلەن، 8– ئاينىڭ 24– كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ 1– يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بولسا، ئاساس خاراكتېرلىك ۋە كاپالەت خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇلۇغ كۈرەشلەر، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلار، ئۇلۇغ ئىشلار ۋە ئۇلۇغ ئارزۇلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە، پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا بولغان مەركەزلىك ۋە بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى ئىستراتېگىيەنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى پۇختىلاش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزۈشتىكى كاپالەتلىك قىلىشتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا «مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ خىزمەت قائىدىسى» ۋە «مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ 2018– يىللىق خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى» قاتارلىقلار قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، ھەمدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى(تۈزىتىلمە لايىھەسى)»، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى(تۈزىتىلمە لايىھەسى)» قاتارلىقلار قاراپ چىقىلدى، ھەم شۇنداقلا كومىتېتنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى خىزمەتلىرى مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىر دۆلىتىمىز «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىشنىڭ تارىخىي گىرەلەشمە مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا قانۇنچىللىققا تايىنىشقا تېخىمۇ موھتاجمىز، پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشكە تېخىمۇ موھتاجمىز. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنى تەسىس قىلىشنى قارار قىلىشى بولسا، پارتىيە 19– قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەمدە پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا بولغان مەركەزلىك ۋە بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنىڭ ئېھتىياجىدۇر؛ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى چوڭ–چوڭ ئىشلار ۋە چوڭ–چوڭ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ ھەل قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسىنى ۋە سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇلۇشىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئېھتىياجىدۇر؛ «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىشكە تۈرتكە بولۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئېھتىياجىدۇر. پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىشتىكى تۈزۈم ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى تۈزۈملەشتۈرۈش ۋە قانۇنچىللاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانلىرى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاق مەزگىللىك ۋە مۇقىم بولغان قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر