باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خەلقئارا سودا ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرى كومىتېتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مۇھاكىمە يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

«بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش لازىم

2018.08.27 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جۇ چياڭ 8- ئاينىڭ 26- كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خەلقئارا سودا ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرى كومىتېتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئادىل، كەسپىي ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھالدا خەلقئارا سودا ئىشلىرى ماجىرالىرىنى ھەل قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئۈچۈن مۇقىم، ئادىل، ئاشكارا ۋە مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان قانۇن ئىدارە قىلىدىغان سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش لازىم.

  جۇ چياڭ مۇنداق دېدى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خەلقئارا سودا ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرى كومىتېتىنىڭ تەسىس قىلىنىشى بولسا، مەركەزنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋاللىرىدىكى ئالاھىدىلىكلەرگە ماس كېلىدىغان ھەمدە خەلقئارا سودا ئىشلىرى تالاش-تارتىشلىرىنى ھەل قىلىدىغان تەڭشەش مېخانىزمى ۋە ئاپپاراتىنى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىرلىرى ھېسابلىنىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، ئۇلار ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈردى، خەلقئارا سودا ئىشلىرى تالاش-تارتىشلىرىنى ھەل قىلىش جەريانىدا، ئۆزىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

  جۇ چياڭ يەنە مۇنداق دېدى: مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشتۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ مەقسىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزى-ئۆزىنى ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى تولۇق ئورنىتىپ، «بىرلا جايدا مەركەزلىك» مۇلازىمەت قىلىش ئارقىلىق ماجىرالارنى ھەل قىلىش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى يولغا قويۇش ۋە ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئەدلىيە مۇلازىمىتى ۋە كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر