باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ساياھەت ساھەسىدىكى ئېغىر دەرىجىدە لەۋزىدە تۇرمىغان سۇبيېكتلار بىرلىشىپ جازالىنىدۇ

2018.06.05 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئىيۇن دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئۇقۇشۇمچە، يېقىندا 26 تارماق بىرلىكتە «ساياھەت ساھەسىدىكى ئېغىر دەرىجىدە لەۋزىدە تۇرمىغان ئالاقىدار مەسئۇلىيەت سۇبيېكتلىرىنى بىرلىشىپ جازالاش ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى»نى ئىمزالاپ، ساياھەتتە ئېغىر دەرىجىدە لەۋزىدە تۇرماسلىق قىلمىشى بار ئالاقىدار مەسئۇلىيەت سۇبيېكتلىرىنى ئۈچ تۈر بويىچە 36 خىل جازالاش تەدبىرى بىلەن جازالاشنى بېكىتتى، بۇ ئۇلارنىڭ بازار ئىجازىتى شۇنداقلا ئايروپىلانغا چىقىش، پويىزنىڭ يۇمشاق كارىۋىتىدا ئولتۇرۇش قاتارلىق قىسمەن يۇقىرى ئىستېماللىق ھەرىكەتلىرىنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  «ئەسكەرتمە»دە ساياھەت ساھەسىدىكى ئېغىر لەۋزىدە تۇرماسلىقنىڭ يەتتە خىل ئەھۋالى بېكىتىلدى، بۇ ساياھەت تىجارەتچىسى ۋە ساياھەت كەسىپكارلىرىنىڭ ساياھەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرز قىلغانلىقتىن مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ جەرىمانىدىن يۇقىرى جازاسىغا ئۇچرىغان، ساياھەت تىجارەتچىسىدە زور بىخەتەرلىك ھادىسىسى كۆرۈلگەن ھەم ئاساسلىق مەسئۇلىيەت ساياھەت تىجارەتچىسىگە تەۋە بولغان، ساياھەت كەسىپكارلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىنىڭ تەرتىپىنى بۇزۇش، جامائەت ئەسلىھەلىرىنى بۇزۇش، ساياھەت مەنزىلىنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنى بۇزۇش، ساياھەت مەنزىلىنىڭ ئىجتىمائىي ئۆرپ-ئادىتىگە خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لەۋزىدە تۇرمىغانلار ساياھەت كوپىراتىپى، مەنزىرە رايونى ۋە ساياھەتچىلەرنى قاتناش، تۇرالغۇ، يېمەك-ئىچمەك، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىگەن تىجارەتچى ۋە كەسىپكارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  بىرلىشىپ جازالاش تەدبىرى ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بىرىنچى، لەۋزىدە تۇرمىغانلارنىڭ بازار ئىجازىتى، مەمۇرىي ئىجازىتى چەكلىنىدۇ ياكى مەنئى قىلىنىدۇ، مەسىلەن، لەۋزىدە تۇرمىغانلارنىڭ ساياھەت بازىرىغا كىرىشى قانۇن بويىچە چەكلىنىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى ئېلىشى قانۇن بويىچە چەكلىنىدۇ، قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە خېرىدار چاقىرىش-خېرىدار بولۇش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشى قانۇن بويىچە چەكلىنىدۇ قاتارلىقلار. ئىككىنچى، لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى دائىمىي نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى ۋە ئىستېمال قىلىشى چەكلىنىدۇ. ئۈچىنچى، لەۋزىدە تۇرمىغانلارنىڭ ئېتىبار سىياسەتلەردىن بەھرىلىنىشى، ئىلغار بولۇپ باھالىنىشى ۋە ئالاقىدار ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشى چەكلىنىدۇ، مەسىلەن ئايروپىلانغا چىقىش، پويىزنىڭ يۇمشاق كارىۋىتىدا ئولتۇرۇش، G ھەرپى بىلەن باشلىنىدىغان دىنامىكىلىق پويىزنىڭ ھەر قانداق ئورنىدا ئولتۇرۇش، باشقا دىنامىكىلىق پويىزنىڭ 1-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورنىدا ئولتۇرۇش قاتارلىق يۇقىرى ئىستېمالى شۇنداقلا باشقا تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە زۆرۈر بولمىغان ئىستېمال ھەرىكىتى چەكلىنىدۇ، سىياسەت خاراكتېرلىك مەبلەغ، ھۆكۈمەت تولۇقلىما خاراكتېرلىك مەبلەغ ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەبلىغى بىلەن قوللاش قاتارلىقلار قانۇن بويىچە چەكلىنىدۇ، توختىتىلىدۇ ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر