باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۈچ تارماق بىرلىكتە ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تېرىلغۇ يەرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى ئارىلىقتا تەكشۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى

2018.06.05 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشۇمچە، «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ <ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تېرىلغۇ يەرنى قوغداش مەسئۇلىيەت نىشانىنى باھالاش چارىسى>نى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى يېقىندا يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ «13-بەش يىل»نىڭ ئالدىنقى ئىككى يىلى(2016-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە)دىكى تېرىلغۇ يەرنى قوغداش مەسئۇلىيەت نىشانىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى ئارىلىقتا تەكشۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  تەكشۈرۈشكە تەشكىللەش ئۇسۇلى ۋە ئاساسلىق مەزمۇنى جەھەتتە، ئارىلىقتا تەكشۈرۈشنى تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ تەشكىللەيدىغانلىقى بېكىتىلدى. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەبىئىي بايلىق، يېزا ئىگىلىكى-يېزا، ئىستاتىستىكا قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن خەلق ھۆكۈمەتلىرىنى ئارىلىقتا تەكشۈرۈش ۋە ئۆزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، ئاساسلىقى تېرىلغۇ يەر مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش-تولۇقلاشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى ئىگىلەش ۋە تولۇقلاپ پىلانلاش ئەھۋالى، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشى ئەھۋالى، تېرىلغۇ يەر سۈپىتىنى قوغداش ۋە ئۆستۈرۈش ئەھۋالى ۋە تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تۈزۈم قۇرۇلۇشى ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  تەكشۈرۈش باسقۇچى جەھەتتە، ئارىلىقتا تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ «ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزى تەكشۈرۈش، نەق مەيداندا ئارىلاپ تەكشۈرۈش، ئۇنىۋېرسال باھالاش، گوۋۇيۈەنگە دوكلات قىلىش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ تۈزىتىش» تەرتىپى بويىچە ئىشلىنىدىغانلىقى بەلگىلەندى. 7-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئۆزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئاياغلاشتۇرۇدۇ، باھالاش تارماقلىرى 8-ئاينىڭ ئاخىرىدىن ئىلگىرى ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى تاماملايدۇ ۋە شۇ ئاساستا ئۇنىۋېرسال باھالايدۇ ھەم ئارىلىقتا تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى گوۋۇيۈەنگە دوكلات قىلىدۇ، ئاندىن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ ۋە تۈزىتىشكە تەشكىللەيدۇ.

  مۇكاپاتلاش-جازالاش مېخانىزمى جەھەتتە، يەردىن پايدىلىنىش پىلانى ۋە ئالاقىدار تۈر مەبلىغىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا تەكشۈرۈش نەتىجىسى ياخشىراق ئۆلكىلەرگە مايىللىشىش؛ تەكشۈرۈپ بايقالغان مەسىلىلىرى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولغان ئۆلكىلەردىكى ئالاقىدار شەھەر-ناھىيەلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك يېرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتىش ۋە يەرنى ئېلىپ ئىشلىتىشىنى تەستىقلىشىنى ۋاقتىنچە توختىتىپ، مەسىلىنى تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش بېكىتىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر