باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو كارخانىلىرى گېرمانىيەدە مەبلەغ سېلىشتا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ

2018.05.25 14:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى تاشقى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مەھكىمىسى 24 - چېسلا ئېلان قىلغان 2017 - يىللىق چەتئەل كارخانىلىرى گېرمانىيەدە مەبلەغ سېلىش تۈر دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر جۇڭگونىڭ گېرمانىيەدە مەبلەغ سېلىش تۈر سانى 218گە يەتكەن بولۇپ، 2- ئورۇننى ئالغان.

  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو كارخانىلىرى مەبلەغ سالغان كەسىپلەرنىڭ %17ى سودا مۇلازىمىتى ۋە پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىگە مەركەزلەشكەن، %15ى ئېلېكتىرون ۋە ئۆتكۈزگۈچ كەسىپلىرى، %14ى ئىستېمال بۇيۇملىرى ۋە يېمەكلىكلەر كەسىپلىرى ئىكەن. كەسپىي بۆلەكلەر بويىچە ستاتىستىكا قىلغاندا، %54ى سېتىش ۋە بازارنى قوللاش، %15ى ياساش ۋە تەتقىق قىلىپ ئېچىش، %11ى سودا مۇلازىمىتى ئىكەن. دىققەت قىلشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئېلېكترون ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ كەسىپلىرىنىڭ نىسبىتى ئالدىنقى يىلدىكىدىن %5 كۆپەيگەن، ياسىمىچىلىق ۋە تەتقىق قىلىپ ئېچىش ساھەسىدە %4 ئۆرلەش بولغان.

  دوكلاتتا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، 2017- يىلى گېرمانىيەدە يېشىللاشتۇرۇش تۈرلىرىنىڭ سانى 1910 ئىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ تۈرلەر كىشىلەرگە 29 مىڭ خىزمەت ئورنى يارىتىپ بەرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە، 2600 خىزمەت ئورنى جۇڭگودىن كەلگەن ئىكەن.

  گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى تاشقى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مەھكىمىسى مۇتەخەسسىسى توماس بورزويياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كارخانىلىرى ياساش كەسپىدىكىلەرنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش ساھەسىدە سالغان مەبلىغى داۋاملىق ئېشىۋاتىدۇ، جۇڭگو ئىزچىل رەۋىشتە گېرمانىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم چەتئەل مەبلىغى مەنبەسى بولۇپ كىلىۋاتىدۇ. ئۆتكەن بەش يىلدا، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا نۆۋەتلىشىپ تۇرۇپ گېرمانىيەدە تۈر مەبلەغ سېلىش مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان دۆلەتلەر بولۇپ قالدى. گېرمانىيەنىڭ غايەت زور بازىرى ۋە ياخشى تەتقىقات مۇھىتى، ھەمدە «گېرمانىيەدە ياسالغان» دەيدىغان سودا ماركىسى ھازىر جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مەبلىغىنى جەلپ قىلىشتىكى ئاساسىي سەۋەب بولۇپ قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر