- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جاڭ كېجيەن سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالدى
2018.05.25 14:18 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە گوۋۇيۈەننىڭ خىزمەتكە تەيىنلەش ۋە خىزمەتتىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى بىر خەۋىرى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا، جاڭ كېجيەننىڭ سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرىلىقى، دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقى، دۆلەت ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئاپپاراتىنىڭ مۇدىرلىقى ۋە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا سانائەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەنگەنلىكى ئېيتىلغان.
يولداش جاڭ كېجيەننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:
جاڭ كېجيەن، ئەر، خەنزۇ، 1961- يىلى 7- ئايدا تۇغۇلغان، جياڭسۇ كۇنسەندىن. 1982- يىلى 8- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1992- يىلى 6- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تولۇق كۇرسىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن، جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلۇش پەنلىرى ماگىستىرى، تەتقىقاتچى.
جۇڭگو قۇرۇلۇش فىزىكا تەتقىقات ئورنى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق تەتقىقات ئورنىدا ئۇزاق مۇددەت خىزمەت قىلغان. 2007- يىلى جۇڭگو قۇرۇلۇش فىزىكا تەتقىقات يۇرتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى (مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك) بولغان.
2015- يىلى 8- ئايدا، دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. 2015- يىلى 9ـ ئايدا، دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى (مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك) بولغان. 2018- يىلى دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. 2018- يىلى 5- ئايدا سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقى، دۆلەت ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئاپپاراتىنىڭ مۇدىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا سانائەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر