- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىدە 50 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم سەنيادا بايرام ئۆتكۈزمەكچى بولدى
2017.01.23 13:15 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21- يانۋار كەچ سائەت 7لەرە، شېنياڭ شىمالىي ۋوگزالدا، پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچى لى ۋېن بىلەن ئۇنىڭ ئايالى، قىستاڭچىلىق ھەم تەرتىپلىك كىشىلەر توپى ئارىسىدىن، Z384- قېتىملىق پويىزغا چىقىپ، 4000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى سەنياغا ماڭدى. يېقىندىن بېرى، بارغانسېرى كۆپ شەرقىي شىماللىقلار خەينەن ئارىلىغا بېرىپ بايرام ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ كەتتى. مۇخبىرنىڭ شېنياڭ تۆمۈريول ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2014- يىلى، شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىدە جەمئىي 200 مىڭدىن ئارتۇق ياشانغان كىشى خەينەن ۋە سەنياغا بېرىپ قىش ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ كەتكەن ئىكەن؛ 2015- يىلى ئۇدۇل قاتنايدىغان پويىز ئېچىلغاندىن كېيىن، سەنياغا بېرىپ قىش ئۆتكۈزىدىغانلارنىڭ سانى 500مىڭدىن ئاشقان ئىكەن. 2016- كىرگەندىن بۇيان، بۇ سان يەنىلا تېز سۈرەتتە كۆپەيگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر