باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ھەق ئېلىش پونكىتىدا كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىدىن ھەق ئېلىنمايدۇ

2017.01.23 16:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22- يانۋار، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2017- يىلى چاغان مەزگىلىدە، رايونىمىزدىكى كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنىڭ ھەقسىز يۈرۈش ۋاقتى: 2017- يىلى 1- ئاينىڭ 27- كۈنى سائەت 0:00دىن 2- ئاينىڭ 2- كۈنى سائەت 24:00كېچە.

  ھېيت-بايرام كۈنلىرى يوللاردا ئاپتوموبىل كۆپىيىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت تارماقلىرى مۇددەتتىن بۇرۇن ھەق ئېلىش پونكىتى ۋە مۇلازىمەت رايونى قاتارلىق جايلارغا چاغاندىن ئىلگىرىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرش ئېلپ بېرىپ، ھەق ئېلىش ئەسلىھە ۋە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ نورمال، ئىقتىدارىنىڭ تولۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان. چاغان مەزگىلىدە، قاتناش-تىرانسپورت تارماقلىرى يەنە جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش ساقچىلىرى ۋە مېتېئورولوگىيە قاتارلىق تارماقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، تاشيول بويىدىكى LED ئۆزگىرىشچان ئاخبارات تاختىسى ۋە قاتناش رادىيوسى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، چاغان مەزگىلىدە تاشيول قاتناش-يول يۈرۈش ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئاممىغا سەپەرگە چىقىش ۋاقتى ۋە لىنىيەسىنى مۇۋاپىق تاللاشنى ئالدىن ئۇقتۇرۇپ ھەمدە يېتەكلەپ، قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق مەركەزلىشىپ، ھەق ئېلىنىدىغان تاشيولدا قىستاڭچىلىق كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر