باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چاغاندا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەندە مائاشنى مۇنداق ھېسابلايدۇ

2017.01.23 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاغانلىق دەم ئېلىش يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئەگەر ئەمگەكچىلەر ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەشنى تاللىسا، ھەر بىر كۈنلۈك ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەن ئۈچ كۈندە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىلەرگە ئۆزىنىڭ كۈنلۈك ياكى سائەتلىك مائاشىنىڭ %300نى بېرىشى كېرەك، تۆت كۈندە بولسا %200تىن تۆۋەن بولماسلىق ئۆلچىمى بويىچە بېرىشى كېرەك.

  22- يانۋار، شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئالاقىدار خادىمىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە: ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى ئەمگەك توختامىدا پۈتۈشكەن بويىچە ئىجرا قىلىنىدىكەن، پۈتۈشكەن مائاش ئۆلچىمى شەھەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولسا بولمايدىكەن. ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەن ھەققىنى ئالالمىغاندا، ئەمگەك مەمۇرىي تەپتىش تارمىقىغا ئەرز قىلسا بولىدىكەن.

  نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 1124 يۈەن («ئۈچ سۇغۇرتا، بىر فوند»نى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ ) بويىچە ھېسابلىغاندا، ئەگەر ئەمگەكچى چاغاننىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى كۈنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىسە، كۈندە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى ئاز دېگەندە 155 يۈەن بولىدۇ. ئەگەر چاغاندىكى يەتتە كۈنلۈك دەم ئېلىشتا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىسە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تولۇقلاپ دەم ئېلىشنى ئورۇنلاشتۇرمىسا، ئەمگەكچى ئەڭ ئاز بولغاندا 878.5 يۈەن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى ئېلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر