باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىنقى مەزگىلدە كۆمۈركان، زاۋۇت، كان–كارخانىلارنىڭ ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ نۇقتىلىق ئالدىنى ئېلىشىنى ئەسكەرتتى

2016.08.16 15:01         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋەردە، بۇ يىل يانۋاردىن ئىيۇلغىچە مەملىكەت بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ئومۇمەن مۇقىم بولدى، دېيىلدى ھەم ئاۋغۇستتا كۆمۈركان، زاۋۇت، كان – كارخانا قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ نۇقتىلىق ئالدىنى ئېلىشىنى ئەسكەرتتى.

  تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى يەتتە ئايدا مەملىكەت بويىچە 28 مىڭ 115 قېتىم ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى ھادىسىسى يۈز بېرىپ، قازا قىلغان ۋە ئىز – دېرىكى بولمىغانلار 16 مىڭ 59 كىشىگە يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن ئايرىم – ئايرىم %11.6 ۋە %8.4 ئازايغان.

  بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەر يەنىلا ئۈنۈملۈك تىزگىنلەنمىدى، قىسمەن ساھەلەردە ئېغىر ھادىسىلەر يەنىلا كۆپ يۈز بېرىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئىيۇلدا چوڭراق ھادىسىدە قازا قىلغانلار بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن كۆپەيدى ۋە قازا قىلغانلارنىڭ نىسبىتىمۇ ئاشتى، بىناكارلىقتا ھادىسە كۆپ يۈز بەردى، قۇتقۇزۇش مۇۋاپىق بولمىغانلىقتىن تالاپەتكە ئۇچرىغانلار كۆپىيىشتەك بىر قەدەر چوڭ ھادىسە يۈز بېرىپ تۇردى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىدىن يەنىلا ئۈمىدۋار بولۇپ كېتىشكە بولمايدۇ.

  كۆمۈركان جەھەتتە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان دۆلەت ئىچىدە كۆمۈر باھاسى سەل ئۆرلىدى، كۆمۈرچىلىك كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقى ئەسلىگە كېلىپ، تەۋەككۈلچىلىك بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئۆز ئالدىغا ئىشلەپچىقىرىشتەك قىلمىشلىرى باش كۆتۈرۈپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىنقى باسقۇچلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قەرزى كۆپ بولغاچقا، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خەۋپ – خەتىرى توپلىنىپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى ئاشتى، بۇ كۆمۈركانلاردا ئاسانلا ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ئالدىنى ئېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. زاۋۇت، كان – كارخانىلار جەھەتتە، يېقىندا قىسمەن خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرى ۋە چاڭ – توزان پارتلاش خەۋپ – خەتىرى ساقلىنىۋاتقان قىسمەن كارخانىلارنىڭ ئۈنۈمى ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى تەدرىجىي كېڭەيدى، ئالاقىدار كارخانىلار 2014 – يىلى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ كۈنشەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن ‹‹2 – ئاۋغۇست›› پەۋقۇلئاددە زور ئاليومىن چاڭ – توزىنى پارتلاش ھادىسىسىدىن ھەقىقىي ساۋاق ئېلىپ، خىمىيە سانائىتى، يېنىك سانائەت، رەڭلىك مېتال، توقۇمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەردە چاڭ – توزان پارتلاش ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ھوشيار تۇرۇشى كېرەك.

  ئۇنىڭدىن باشقا، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يەنە يېقىنقى مەزگىلدە، تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ زور تالاپەت پەيدا قىلىشىنىڭ ئالاھىدە ئالدىنى ئېلىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پەۋقۇلئاددە ناچار ھاۋارايى ئاپىتى كۆپ يۈز بەردى، قارا يامغۇر، لاتقا – شېغىللىق ئېقىن، يۇقىرى تېمپېراتۇرا، يۇقىرى نەملىك قاتارلىق ئامىللار كان، قۇرۇلۇش ئورنى، قالدۇق رۇدا ئامبىرى، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم، پوجاڭزا قاتارلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىغا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلدى. مېتېئورولوگىيە، زېمىن – بايلىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بولغان ھەمكارلىق، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھاۋا رايى ئۇچۇرلىرى ۋە تەبىئىي ئاپەتتىن ئالدىن سىگنال بېرىش ئۇچۇرلىرىنى ئالاقىدار كارخانىلارغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر