- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى 2005–يىلى ئېلان قىلغان ‹‹ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ سۈپەت دەرىجىسىنى باھالاپ بېكىتىشنى باشقۇرۇش چارىسى››نى ئەمەلدىن قالدۇردى
2016.08.16 15:00 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇخبىرنىڭ دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكتىن، دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى يېقىندا 2005 – يىلى ئېلان قىلىنغان ‹‹ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ سۈپەت دەرىجىسىنى باھالاپ بېكىتىشنى باشقۇرۇش چارىسى››نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلغان، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنىڭ ئورنىنى 2012 – يىلى ئېلان قىلىنغان ‹‹ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ سۈپەت دەرىجىسىنى باھالاپ بېكىتىشنى باشقۇرۇش چارىسى›› ئالىدىكەن.
دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىشكە دائىر ئالاقىدار تەلەپلەرگە ئاساسەن، 2016 – يىلى 3 – ئايدا قائىدە – نىزاملارنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى باشلىغانىدى، ھازىر بۇ خىزمەت ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر