باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپ مۇپەتتىشلىرىنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىپ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇردى

2016.08.16 15:01         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپ مۇپەتتىشلىكى خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا ‹‹مائارىپ مۇپەتتىشلىرىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى››نى تارقىتىپ، مائارىپ مۇپەتتىشلىكى ئورۇنلىرى ئەۋەتكەن مۇپەتتىشلەرنىڭ ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ، ئوقۇتۇش خىزمىتى ئەھۋالى، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار ياكى ئامما ئىنكاس قىلغان مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك قىزىق، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇپەتتىشلىك قىلغاندا، مۇناسىۋەتلىك تارماق ۋە مەكتەپلەرگە كىرىپ تەكشۈرسە بولىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرغان.

  چارىدە مائارىپ مۇپەتتىشلىرىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، مائارىپ مۇپەتتىشلىرىدىن ھۆكۈمەت ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مائارىپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالى، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ، ئوقۇتۇش خىزمىتى ئەھۋالى، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار ياكى ئامما ئىنكاس قىلغان مائارىپقا دائىر قىزىق، قىيىن نۇقتا قاتارلىق چوڭ – چوڭ مەسىلىلەر ئۈستىدە مائارىپ مۇپەتتىشلىكى قىلىش؛ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى، قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتى، ئوقۇش – ئوقۇتۇش تەرتىپى قاتارلىق ئىشلارغا ئېغىر تەسىر ياكى زىيان يەتكۈزگەن تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ۋاقتىدا ھەيدەكچىلىك قىلىش ھەم يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ مۇپەتتىشلىكى تارماقلىرىغا تېزدىن مەلۇم قىلىش؛ ھەر قېتىملىق مائارىپ مۇپەتتىشلىكى ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن، شۇ دەرىجىلىك مائارىپ مۇپەتتىشلىكى ئورۇنلىرىغا مۇپەتتىش قىلىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ، مۇپەتتىشلىك دوكلاتىنى تاپشۇرۇش؛ شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مائارىپ مۇپەتتىشلىكى ئورۇنلىرى تاپشۇرغان باشقا خىزمەتلەرنى ئورۇنداش تەلەپ قىلىندى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، چارىدە يەنە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مائارىپ مۇپەتتىشلىكى ئورۇنلىرى ئەۋەتكەن مائارىپ مۇپەتتىشلىرى تۆۋەندىكى بەش تۈرلۈك ھوقۇقنى يۈرگۈزسە بولىدۇ: بىرىنچىدىن، مۇپەتتىش قىلىنىدىغان مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك تارماق ۋە مەكتەپلەرگە كىرىپ تەكشۈرسە بولىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، مۇپەتتىش قىلىنىدىغان ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت، ماتېرىياللارنى تەكشۈرسە ۋە نۇسخىلىۋالسا بولىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، مۇپەتتىش قىلىنىدىغان ئورۇنلاردىن مۇپەتتىش قىلىنىدىغان ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ تۆتىنچىدىن، مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللار بىلەن سۆھبەتلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلسا بولىدۇ؛ بەشىنچىدىن، مۇپەتتىش قىلىنغان ئورۇنلارنىڭ تۈزىتىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلسا ۋە تەكشۈرسە بولىدۇ.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپ مۇپەتتىشلىكى ئىدارىسىدىكى مەسئۇل كىشىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر مەملىكەت بويىچە تەخمىنەن 17 مىڭ 600 مەخسۇس ۋەزىپىلىك مائارىپ مۇپەتتىشى، 103 مىڭ 800 قوشۇمچە ۋەزىپىلىك مائارىپ مۇپەتتىشى بار بولۇپ، يېتەرلىك بولغان مائارىپ مۇپەتتىشلىكى قوشۇنى قۇرۇلۇپ بولغان. چارىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، كېيىنكى قەدەمدە جايلاردىكى مائارىپ مۇپەتتىشلىكى ئورۇنلىرىدىن جايلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، كونكرېت يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپىنى تۈزۈش ھەم مۇۋاپىق ۋاقىتتا مەخسۇس تۈر بويىچە مۇپەتتىش قىلىش تەلەپ قىلىنغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر