باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نەنجىڭ شەھىرى ياپون باسقۇچى ئارمىيىسى ھەربىيلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئاياللار ئورنى خاتىرىسىنى نەشىر قىلىدۇ

2016.08.16 11:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 15-ئاۋغۇست نەنجىڭ لىجىگاڭ ھەربىيلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئاياللار ئورنى كونا جايى كۆرگەزمەخانىسىدىن ئىگىلىشىچە: بۇ كۆرگەزمەخانا نەنجىڭ شەھىرىدىكى 50 دىن ئارتۇق ئورۇندىكى ياپون ئارمىيىسى ھەربىيلەرنىڭ ھالىدىغان خەۋەر ئالىدىغان ئاياللار ئورنىنى تەكشۈرۈش، نەق مەيداننى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، ئالاقىدار ماتېرىياللارنى يىغىپ رەتلىگەندىن كېيىن، ھەربىيلەرنىڭ ھالىدىغان خەۋەر ئالىدىغان ئاياللار ئورنىنى تەكشۈرۈش خاتىرىسىنى كۆرگەزمە ۋە نەشىر قىلىدىكەن.

  بۇ يىل 5-ئايدا جۇڭگو ، كورىيە، ھېندىنوزىيە قاتارلىق سەككىز دۆلەت ۋە رايوندىكى ئەل ئىچى تەشكىلاتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتىغا ياپون ئارمىيىسىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئاياللارنى ھەربىيلەرنىڭ ھالىدىغان خەۋەر ئېلىشقا مەجبۇرلاش تارىخىي پاكىتنى دۇنيا ئەسلىمىسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ئىلتىماسىنى سۇندى. جۇڭگو ھەربىيلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئاياللار مەسىلىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، نەنجىڭ لىجىگاڭ ھەربىيلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئاياللار ئورنى كونا جايى كۆرگەزمەخانىسىنىڭ باشلىقى سۇ جىلياڭ مۇنداق دېدى: ياپونىيە بۇ يىل ئاق قارىنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىپ، ھەربىيلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئاياللار تۈزۈمى سودا ھەرىكىتى دېگەن ئالاقىدار ئارخىپنى سۇندى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: نەنجىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى مەزگىلىدىكى پايتەخىت بولۇش سۈپىتى بىلەن ياپونىيە ھەربىيلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئاياللار تۈزۈمىنى يولغا قويغان ئاساسلىق جاي، شۇنداقلا ئېلىمىزدىكى بۇ خىل ئورۇن ئەڭ كۆپ شەھەرلەرنىڭ بىرى.

  سۇ جىلياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەربىيلەرنىڭ ھالىدىغان خەۋەر ئالىدىغان ئاياللار ئورنىنى تەكشۈرۈش خاتىرىسى ئارقىلىق تارىخى پاكىتنى تۇراقلاشتۇرۇپ، كىشىلەرنى ئۇرۇش تىراگىدىيىسىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا ئاگاھلاندۇرىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ياپونىيەدىكى ئوڭچىللار ئۇزۇندىن بۇيان ئىنكار قىلىۋاتقان ۋە بۇ ئىش ئۈستىدە ئويلىنىشنى رەت قىلىۋاتقان ھەربىيلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئاياللار تۈزۈمى ياپونىيىنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى، شۇنداقلا بۇ كۈچلۈك ئىسپات.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر