باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«12-بەش يىل» مەزگىلىدە تېز يوللانما كەسپىنىڭ كەسىپ مىقدارى 7.8 ھەسسە ئاشتى

2016.01.05 14:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

دۆلەت پوچتا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ما جۈنشېڭ 2016-يىللىق مەملىكەتلىك پوچتا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «12-بەش يىل» مەزگىلىدە پوچتا كەسپىنىڭ كەسىپ ئومۇمىي مىقدارى 2.9 ھەسسە، كەسىپ كىرىمى 2.1 ھەسسە ئاشتى، تېز يوللانما كەسىپنىڭ كەسىپ مىقدارى 7.8 ھەسسە، كەسىپ كىرىمى 3.8 ھەسسە ئېشىپ، بەش يىلدا 1 مىليوندىن ئارتۇق يېڭى ئىش ئورنى كۆپەيتىلدى. بۇ يىل ئۆز ئىسمى بويىچە ئەۋەتىشكە قوبۇللاش ۋە بويۇم ئۇچۇرلىرىنى تىزىملاش تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ، «پوچتا يوللانمىسى، تېز يوللانمىلارنى ئۆز ئىسمى بويىچە ئەۋەتىشكە قوبۇللاشنى يولغا قويۇش چارىسى» ئېلان قىلىنىپ، ئابۇنچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى سېلىشتۇرۇش ۋە ئۇچۇرىنى تىزىملاشنى قاتتىق ئىجرا قىلىدۇ، كارخانىلار ئىمكانقەدەر تېزدىن ئابۇنچىلار ئۇچۇرى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇپ، تاپشۇرۇۋالغۇچى ئۇچۇرىنىڭ كىرگۈزگىلى، تەكشۈرگىلى، سېلىشتۇرغىلى، سۈرۈشتۈرگىلى بولىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يېشىل ئوراپ قاچىلاشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، مۇۋاپىق ئوراپ قاچىلاشنى تەشەببۇس قىلىپ، مۇھىت ئاسرايدىغان ئوراپ قاچىلاش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىش ۋە تۈرگە ئايرىپ يىغىۋېلىپ بىر تەرەپ قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدۇ. پوچتا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى تۈرلۈك كاپىتاللارنىڭ قانۇن بويىچە تېز يوللانما ساھەسىگە كىرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ، كارخانىلارنىڭ بازارغا كىرىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى قوللايدۇ.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر