- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2015-يىلى مەملىكەت بويىچە كىنو بېلەت كىرىمى 44مىليارد يۈەن بولدى
ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %48.7ئاشتى، جۇڭگو كىنولىرىنىڭ بازار ئۈلۈشى %60تىن ئاشتى
2016.01.04 15:05 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2015-يىلى، جۇڭگونىڭ كىنو تەرەققىياتىدا بۆسۈش خارەكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، مەملىكەت بويىچە كىنو ئومۇمىي بېلەت كىرىمى 44مىليارد 69مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %48.7ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلىتىمىز كىنولىرىنىڭ بېلەت كىرىمى 27مىليارد 136مىليون يۈەن بولۇپ، ئومۇمىي بېلەت كىرىمىنىڭ %61.58نى ئىگىلىدى.
2015-يىلى مەملىكەت بويىچە كىنوخانىلاردا 8035ئېكران يېڭىدىن كۆپەيتىلدى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 22ئېكرا كۆپەيتىلدى، ئېكران ئومۇمىي سانى 31627گە يېتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كىنو كۆرۈش ئىستېمالىنى ئەسلىھە كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. شەھەرلەردىكى كىنوخانىلاردا كىنو كۆرۈش سانى بىر مىليارد 260مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، 2014-يىلدىكىدىن %51.08ئاشتى.
2015-يىلى ئەلىبابا، تېڭشۈن، بەيدۇ قاتارلىق ئالاقە تورى شىركەتلىرى ۋە كاپىتالى كىنو كەسپىگە كىرىپ، جۇڭگو كىنوچىلىقىنىڭ يېڭى بىر ئايلانمىلىق بىرىكىشى ۋە دەرىجە ئاشۇرۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈردى. ئالاقە تورى تەپەككۈرىنىڭ سىڭىپ كىرىشى بىلەن، جۇڭگو كىنوچىلىقىنىڭ ئىشلەش، بازارلاشتۇرۇش، تارقىتىش قاتارلىق باسقۇچلىرىدا سىستېما خارەكتېرلىك ئۆزگىرىش يۈز بەرمەكتە.
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر