باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

گېرمانىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، يىراق مۇساپىلىك داۋالاش ئارقىلىق يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىنى قۇتقۇزۇشقا ياردەم بېرىشكە بولىدىكەن

2018.09.07 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گېرمانىيە بېرلىن سولىتاير ئۇنىۋېرسىتېتى دوختۇرخانىسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، يىراق مۇساپىلىك داۋالاش ئارقىلىق يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىنى قۇتقۇزۇشقا ياردەم بېرىشكە بولدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ خىل ئۇسۇل شەھەر ۋە يېزىلاردىكى بىمارلارنىڭ ھەممىسىگە ماس كېلىدىكەن.

  تەتقىقات گۇرۇپپىسى بەش يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ 1500دىن ئارتۇق يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىنى تەتقىقاتقا قاتناشتۇرغان، بۇلارنىڭ يېرىمى يىراق مۇساپىلىك داۋالاشنى قوبۇل قىلغان، يېرىمى ئەنئەنىۋى داۋالاشنى قوبۇل قىلغان. يىراق مۇساپىلىك داۋالاشنى قوبۇل قىلغان بىمارلارنىڭ ئۆيىگە قان بېسىم ئۆلچەش ۋە بەدەن ئېغىرلىقىنى كۆرسەتكۈچ قاتارلىق ئەسۋابلارنى ئورناتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتلىرى تور ئارقىلىق ئاپتوماتىك ھالدا سولىتاير ئۇنىۋېرسىتېتى دوختۇرخانىسىنىڭ يىراق مۇساپىلىك داۋالاش مەركىزىگە يولانغان، تېببىي خادىملار ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن دەل ۋاقتىدا باھالاپ، بىمارلارغا شۇنىڭغا ئالاقىدار دورا ياكى داۋالاش تەكلىپى بەرگەن. بۇ تەتقىقاتنىڭ مەقسىتى بولسا، يىراق مۇساپىلىك داۋالاشنىڭ بىمارنىڭ ھاياتىنى ئۇزارتىشقا ياردەم قىلالايدىغان ياكى قىلالمايدىغانلىقىنى دەلىللەش ھەمدە شەھەر-يېزا ئوتتۇرىسىدا داۋالاش بايلىقىنىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك پەرقىنى ئېنىقلاش بولغان.

  تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، يىراقتىن داۋالاشنى قوبۇل قىلغان گۇرۇپپىدىكى بىمارلارنىڭ ھەر يىلى كېسەل سەۋەبىدىن تۇيۇقسىز دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان ۋاقتى ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 17.8 كۈن بولغان، ئەنئەنىۋى داۋالاشنى قوبۇل قىلغان گۇرۇپپىدىكى بىمارلارنىڭ ھەر يىلى كېسەل سەۋەبىدىن تۇيۇقسىز دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان ۋاقتى ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 24.2 كۈن بولغان. بۇ ئىككى گۇرۇپپىدىكى يۈرەك زەئىپلەشكەن بىمارلارنىڭ ئىچىدە، يىراق مۇساپىلىك داۋالاش گۇرۇپپىسىدىكى بىمارلارنىڭ ھەر يىلى ئۆلۈش نىسبىتى %8 بولغان، ئەنئەنىۋى داۋالاشنى قوبۇل قىلغان گۇرۇپپىدىكى بىمارلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى %11 بولغان. ئۇندىن باشقا، تەتقىقاتقا قاتناشقان بىمارلار ئولتۇراقلاشقان يەرلەر مەيلى شەھەردە بولسۇن ياكى يېزىلاردا بولسۇن، تەتقىق قىلىش نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسەتمىگەن.

  سولىتاير ئۇنىۋېرسىتېتى دوختۇرخانىسىنىڭ داۋالاش بۆلۈمى باشلىقى ئۇرلىخ • فېرىي تەتقىقات توغرىسىدا: «يىراق مۇساپىلىك داۋالاش ئۇسۇلى بىمارلارنى داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ھەمدە يېزىلاردىكى ئائىلە دوختۇرلىرى سۈپىتىدە يېزىلاردىكى كىشىلەرگە ياردەم بېرەلەيدۇ. يەنە تەتقىقات نەتىجىسىدە ئىسپاتلىنىشىچە، يىراق مۇساپىلىك داۋالاش ئۇسۇلى رايون چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ ، بىمارلارنىڭ داۋالاش سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايدۇ»، دېدى.

  گېرمانىيەدە نۆۋەتتە تەخمىنەن بىر مىليون 800 مىڭ نەپەر سوزۇلما خاراكتېرلىك يۈرەك زەئىپلىشىش بىمارلىرى بار، ھازىر ھەر يىلى يېڭىدىن كۆپىيىدىغان يۈرەك زەئىپلىشىش كېسىلى بىمارلىرى تەخمىنەن 300 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، سوزۇلما خاراكتېرلىك يۈرەك زەئىپلىشىش گېرمانىيەلىكلەر ئۆتكەن 10 يىلدا كېسەل سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا ياتقان ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر