9-ئاينىڭ 5-كۈنى، ياپونىيە توكيودىكى خانېدا ئايرودرومىدا، يولۇچىلار نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «قارلىغاچ» ناملىق بۇ يىلقى 21- نومۇرلۇق تەيفېڭ بورىنى 4-سېنتەبىر ياپونىيەدە قۇرۇقلۇققا چىقتى، 5-سېنتەبىر كەچكىچە 11 ئادەم قازا قىلدى، 600دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى. بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگونىڭ ئوساكادا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرىغا قارىغاندا، «قارلىغاچ»نىڭ تەسىرىدە، 750تىن ئارتۇق جۇڭگولۇق ساياھەتچى 4- سېنتەبىر كەچتە كانساي خەلقئارا ئايروپورتىدا نائىلاج تۇرۇپ قالغان بولۇپ، ھازىر 551 كىشى ئوڭۇشلۇق يۆتكەلگەن، باش كونسۇلخانا جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تالاپەت دوكلاتى تاپشۇرۇۋالمىغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى