باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەدبىر قوللىنىپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تور ئىشلىتىش ۋاقتىنى چەكلەش كېرەك

2018.09.06 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق سەككىز تارماق بىرلىشىپ 30-ئاۋغۇست «بالىلار، ياشلار، ئۆسمۈرلەردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشنى يولغا قويۇش لايىھەسى» توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى بېسىپ تارقاتتى، دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات مەھكىمىسى تور ئويۇنلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى تەڭشەپ كونترول قىلىشنى يولغا قويۇپ، يېڭى تور ئويۇنلىرىنىڭ تورغا چىقىرىلىش مىقدارىنى كونترول قىلىپ، دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان مۇۋاپىق ياشتىكىلەر ئويناش ئەسكەرتمىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تەدبىر قوللىنىپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىشلىتىش ۋاقىتنى چەكلەيدۇ.

  42-قېتىملىق «جۇڭگو ئالاقە تورى تەرەققىيات ئەھۋالىنىڭ ئىستاتىستىكا دوكلاتى»دىكى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 6-ئايغىچە، جۇڭگونىڭ تور ئەھلى كۆلىمى 800 مىليوندىن ئېشىپ، بۇنىڭ ئىچىدە %21.8 تور ئەھلىنىڭ يېشى 20 ياشتىن تۆۋەنكەن، 10 ياشقا توشمايدىغان تور ئەھلىدىن 29 مىليونى باركەن.

  جۇڭگو ياش-ئۆسمۈرلەر سارىيى جەمئىيىتى بالىلارنىڭ تاراتقۇ ساپاسى تەربىيەسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىچە، %30كە يېقىن ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ كۈندىلىك تور ئىشلىتىش ۋاقتى 30 مىنۇتتىن ئۇزۇنكەن، لېكىن 14 ياشقا كىرگەن ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ كۈندىلىك تور ئىشلىتىش ۋاقتى يېرىم سائەتتىن ئاشىدىغانلارنىڭ نىسبىتى %60.8كەن.

  «جۇڭگو قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئالاقە تورى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى»دىكى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، %90تىن ئارتۇق قۇرامىغا يەتمىگەنلەر تورغا چىققاندا ناچار ئۇچۇرلارنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: بۇ نىسبەتنىڭ بۇنچە يۇقىرى بولۇشىدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەب قىسمەن تور سۇپىلىرىدا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتىلغان تەكشۈرۈش، سۈزۈش مېخانىزمىنىڭ كەمچىل بولغانلىقىدىن.

  ھازىر، نۇرغۇن تور سۇپىلىرى كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، مەزمۇن تاللاشنى كۈچەيتىشنى باشلىدى. مەسىلەن قىسقا فىلىم سۇپىسى «دۇيىن» ياش ئۆسمۈرلەر ئەندىزىسىنى يولغا قويدى، قوزغاتقاندىن كېيىن تەۋسىيە باش بېتىدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كۆرۈشىگە ماس كەلمەيدىغان مەزمۇنلار ئاپتوماتىك سۈزۈلىدۇ. ئىقتىدار دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، «دۇيىن» يەنە مەزمۇننى سۈزۈش ئاساسىدا، بىر تۈركۈم مائارىپ، ئىلىم تۈرىدىكى مەزمۇنلارنى تاللاپ تەۋسىيە باش بېتىدە كۆرسىتىدۇ.

  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كۆرۈشىگە ماس كەلمەيدىغان مەزمۇنلارنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ يوقىتىشتىن باشقا، نۇرغۇن ئاپپاراتلار يەنە ياش ئۆسمۈرلەر ياخشى كۆرىدىغان ئۇسۇلدا ئەلا سۈپەتلىك مەزمۇنلارنى ئىشلەپ ئېلان قىلىپ، تور بوشلۇقىنى تەدرىجىي ھالدا ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىدىغان ئىستىھكامغا ئايلاندۇردى. بۇ يىل يازلىق تەتىلدە، نۇرغۇن جايلارنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى قىسقا فىلىم شەكلىدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىش، ئالدىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ چۈشەندۈردى؛ جۇڭگو بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر فوندى جەمئىيىتى «دۇيىن»دا «ياش-ئۆسمۈرلەر كۆچمە ئالاقە تورى لۇغىتى»نى ئېلان قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە تورغا چىققاندا شەخسىي سىرىنى قوغداشقا دىققەت قىلىش، ناچار ئۇچۇرلارغا توغرا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە تەربىيە بېرىپ، نۇرغۇن ياخشى باھاغا ئېرىشتى.

  جۇڭشەن داشۆ تارقىتىش ۋە لايىھەلەش شۆيۈەنىنىڭ باشلىقى جاڭ جىئەن مۇنداق دېدى: ئالاقە تورى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ دۇنيانى چۈشىنىدىغان كۆزنىكى بولالايدۇ، لېكىن بۇنىڭ شەرتى بار. قۇرامىغا يەتمىگەنلەر مەكتەپ، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆگىنىش، ئۆسۈپ يېتىلىشكە پايدىلىق مەزمۇنلارنى تاللىشى، ساغلام بولمىغان مەزمۇنلارنى ئىلغاشنى ئۆگىنىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنكاس قىلىشى كېرەك. مەكتەپ، ئائىلە باشلىقلىرى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارغا كۆيۈنىدىغان مۇھىت يارىتىشى كېرەك. جەمئىيەت كۆپ مەنبەلىك ئورتاق باشقۇرىدىغان ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى ئورنىتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تور ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر