خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە مېتېئورولوگىيە نازارىتىنىڭ 6-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، شۇ كۈنى سەھەردە ياپونىيەنىڭ خوككايدۇدا 6.7 بال يەر تەۋرىگەن. بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش دېڭىز تاشقىنى پەيدا قىلمىغان. نۆۋەتتە ۋاقتىنچە كىشىلەرنىڭ يارىلىنىش ۋە ئۆلۈم ئەھۋالى ئېلان قىلىنمىدى.
ياپونىيە مېتېئورولوگىيە نازارىتىنىڭ ئېلان قىلىشىچە: يەر تەۋرەش شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاپرېل كەچ 3تىن 8 مىنۇت (بېيجىڭ ۋاقتى 2دىن 8 مىنۇت) ئۆتكەندە يۈز بەرگەن بولۇپ، يەر تەۋرەش مەركىزى خوككايدونىڭ ئوتتۇرا شەرقىي قىسمىدىكى دەنجېن ۋىلايىتى ئىكەن. بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن 40 كىلومېتىر بولۇپ خوككايدو، ئائومورى ناھىيەسى، ئىۋاتې ناھىيەسى ۋە مىياگى ناھىيەسى قاتارلىق ناھىيەلەردە كۈچلۈك تەۋرىنىش سېزىمى بولغان.
مېتېئورولوگىيە نازارىتى: بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرەش مەركىزى ئەتراپىدىكى دېڭىز تاشقىن ئورنىدا داۋالغۇش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، لېكىن دېڭىز تاشقىنى يۈز بەرمەيدۇ، دېدى.
ياپونىيە يەر شارىنىڭ ئەڭ ھەرىكەتچان يەر تەۋرەش بەلبېغى − تىنچ ئوكياننى چۆرىدىگەن يەر تەۋرەش بەلبېغىغا جايلاشقان، شۇڭا ياپونىيەدە يەر تەۋرەش كۆپ يۈز بېرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى