باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ترامپ خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئىراننىڭ «خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى» تېمىسىدا قاراتمىلىق مۇزاكىرە ئىلىپ بارماقچى بولدى

2018.09.06 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى نىككى خالېي 4-سېنتەبىر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ مۇشۇ ئايدا ئىچىلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى مەزگىلىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئىراننىڭ «خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى» تېمىسىدا قاراتمىلىق مۇزاكىرە ئىلىپ بارىدۇ.

  ئامېرىكا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇشۇ ئايدىكى نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى. خالېي شۇ كۈنى مۇخبىرلارغا، بۇ قېتىمقى يىغىندا «ئىراننىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى تۈپەيلىدىن پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايونىغا ئېلىپ كەلگەن مۇقىمسىزلىقى» قاتارلىق تېمىلار قاراتمىلىقى بولغان ھالدا مۇزاكىرە قىلىنىدۇ، «زۇڭتۇڭ ترامپ ئىنتايىن كەسكىن، ئىران خەلقئارا قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىشى كېرەك»، دېدى.

  نىككى خالېي يەنە ئىپادە بىلدۈرۈپ: ئىران تېررورچىلارنى قالايمىقان قوللاپ، لىۋان، يەمەن ۋە سۇرىيە ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسەتتى، بۇ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىغا خىلاپ ھەم «ھەممىسى رايون تەھدىتى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇزاكىرە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى»، دېدى.

  رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى مەزگىلىدە، ئىران زۇڭتۇڭى ھەسەن روھانىي مۆلچەرلىنىشىچە 9-ئاينىڭ 25- كۈنى نۇتۇق سۆزلەيدىكەن. خالېي بۇنىڭغا نىسبەتەن سۆز قىلىپ: ئامېرىكا روھانىيغا قارشى سۆز قىلمايدۇ، دېدى.

  رۇسىيەنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ئۇسۇلى بىر تەرەپلىمىلىك بولۇپ، بۇنىڭغا نىسبەتەن رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى دىمىترى پوليانىسكى سۆز قىلىپ: ئىرانغا مۇناسىۋەتلىك مۇھاكىمە يىغىن ئەسلىدە ئىران يادرو مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا قارىتا ئېچىلىشى كېرەك، دېدى.

  پوليانىسكى يەنە: رۇسىيە يىغىنىدا، ھەر قايسى تەرەپلەر ئامېرىكا ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىش توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنى شەرھلەپ ئۆتۈشىنى «ئىنتايىن ئۈمىد قىلىدۇ» دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر