5- سېنتەبىر تارتىلغان مانجۇلى شەھىرىنىڭ مەنزىرىسى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، « شەرقىي ئاسىيانىڭ كۆزنىكى» دەپ تەرىپلىنىدىغان ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى مانجۇلى شەھىرى بولسا، رۇسىيەنىڭ سودا تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ قەد كۆتۈرۈپ، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق تىرانسپورتىنىڭ پورت شەھىرى بولۇپ قالدى. 90- يىللاردىن باشلاپ، رۇسىيەدىكى «يۈك-تاقلىق مېھمان»لار مانجۇلىدا سودا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېڭىدىن باج كەچۈرۈم قىلىنغان سودا زالى، ئېكسپورت تاۋار ماركا نازارىتى قاتارلىق ئەسلىھەلەر ئاھالىلىرىنىڭ سودا رايونىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇنىڭ بىلەن، مول مەزمۇنلۇق ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلىرى تېخىمۇ كۆپ ھالدا جۇڭگو-رۇسىيە ئىستېمالچىلىرىنى مەنپەئەتلەندۈردى. مانجۇلى ھازىر جۇڭگو-رۇسىيە چېگرا سودىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتەك ئىسلاھاتىغا شاھىت بولۇپ، باش كۆتۈرۈپ گۈللىنىشكە باشلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى