باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ئەنگلىيە ھەربىي پاراخوتىنىڭ شىشا تاقىم ئاراللىرى دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىگە ئىنكاس قايتۇردى

ئەنگلىيە تەرەپنى ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىمىز

2018.09.07 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 6-سېنتەبىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەنگلىيەنىڭ بىر ھەربىي پاراخوتى يېقىندا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن جۇڭگونىڭ شىشا تاقىم ئاراللىرى دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن، جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئى قارشى تۇرىدۇ. ئاللىقاچان ئەنگلىيە تەرەپكە بۇ ئىشقا قاتتىق ئارىلىشىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ، كۈچلۈك نارازىلىقىمىزنى ئىپادىلىدۇق.

  شۇ كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر پاراخوتى شىشا تاقىم ئاراللىرى ئەتراپىدا دېڭىز سەپىرى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق ئىپادە بىلدۈرىدۇ؟

  خۇا چۇنيىڭ مۇنداق دېدى: 8- ئاينىڭ 31-كۈنى، ئەنگلىيەنىڭ «دېڭىز ئىلاھى ئوغلى» ناملىق دوكلۇق قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن جۇڭگونىڭ شىشا تاقىم ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن. جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى قانۇن بويىچە ئەنگلىيە ھەربىي پاراخوتىغا قارىتا ئىسپات ئېلىپ پەرقلەندۈرۈشنى يولغا قويدى ھەمدە ئاگاھلاندۇرۇپ قوغلىۋەتتى.

  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىشا تاقىم ئاراللىرى ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى. 1996-يىلى 5-ئايدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكى ۋە چېگراداش رايونلىرى قانۇنى»غا ئاساسەن، شىشا تاقىم ئارىلىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكى دائىرىسىنى بېكىتكەن. ئەنگلىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك پاراخوتى جۇڭگو قانۇنى ۋە ئالاقىدار خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئى قارشى تۇرىدۇ، ئاللىقاچان ئەنگلىيە تەرەپكە بۇ ئىشقا قاتتىق ئارىلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كۈچلۈك نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.

  خۇا چۇنيىڭ: «ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىيلىقى ۋە رايوننىڭ تىنچ، مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، جۇڭگو تەرەپ ئەنگلىيە تەرەپنى بۇ خىل ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشىنى توختىتىشقا كۈچلۈك دەۋەت قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر