باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەق تەلەپ قانۇنى قائىدىسى ھەرقايسى تارمىقىنىڭ لايىھەسى توغرىسىدا پىكىر ئېلىندى

مۇتەخەسىسلەر ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەكلىپى بەردى

2018.09.06 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھەق تەلەپ قانۇنى قائىدىسى ھەرقايسى تارمىقىنىڭ لايىھەسى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تورىدا ئېلان قىلىنىپ، جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىندى. پىكىر ئېلىش ۋاقتى 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە بولىدۇ.

  فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى لى گاڭ مۇنداق دېدى: «ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزى مەسىلىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن تالاش-تارتىش كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇ قېتىمقى لايىھەدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان تويلىشىش قانۇنىدىكى ئەر- خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزى ھەققىدىكى بەلگىلىمىگە ۋاقتىنچە ماھىيەتلىك ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمىدى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ يىل 1-ئايدا ئەر- خوتۇننىڭ قەرزى مەسىلىسى ھەققىدە قانۇن يۈرگۈزۈش ئىزاھاتى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۆنۈمى ياخشى بولدى. بۇ قانۇن يۈرگۈزۈش ئىزاھاتىنىڭ تەجرىبىلىرىنى ھەق تەلەپ قانۇنى قائىدىسى لايىھەسىگە كىرگۈزۈپ، ئەر- خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەكلىپى بېرىمەن».

  يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىدا، ھەق تەلەپ قانۇنى قائىدىسى ھەرقايسى تارمىقىنىڭ لايىھەسى قاراپ چىقىلدى. گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ قاراپ چىققاندا، نۇرغۇن دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ئوخشاشلا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن يۈرگۈزۈش ئىزاھاتلىرىنى لايىھەگە كىرگۈزۈپ، ئەر-خوتۇن ئارىسىدىكى قەرزلەردە «ئورتاق قەرزگە ئورتاق ئىمزا قۇيۇش» پىرىنسىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش تەكلىپى بەردى.

  يىغىنغا سىرتتىن قاتناشقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت ۋە بايلىق ئاسراش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى تەن لىن: «‹ئورتاق قەرزگە ئورتاق ئىمزا قۇيۇش› دۆلىتىمىزنىڭ ئائىلە، ئەر- خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنىڭ باراۋەر ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىي پىرىنسىپىغا ماس كېلىدۇ. ئائىلىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن باشقا يۇقىرى سوممىلىق قەرزلەرنى ئەر- خوتۇن ئوتتۇرىسىدا ئۆز ئارا مەسلىھەتلىشىشى كېرەك، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق قوشۇلۇشىدىن ئۆتكەندە، ئاندىن ئورتاق قەرز دەپ قارىلىدۇ»، دېدى.

  ئاشكارا پىكىر ئېلىنىدىغان ھەق تەلەپ قانۇنى قائىدىسى ھەرقايسى تارمىقىنىڭ لايىھەسى: نەرسە ھوقۇقى قىسمى، توختام قىسمى، كىشىلىك قەدىر- قىممەت ھوقۇقى قىسمى، توي-ئائىلە قىسمى، ۋارىسلىق قىسمى، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى قىسمى قاتارلىق جەمئىي ئالتە قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، جەمئىي 1034 ماددا بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى، نەرسە ھوقۇقى قانۇنى، تويلىشىش قانۇنى قاتارلىق ھەق تەلەپ قانۇن-قائىدىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق قانۇن دەستۇرى قىلىپ تۈزۈپ چىقىدۇ. ھەق تەلەپ قانۇنى قائىدىسى ھەرقايسى تارماق لايىھەسىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلۇشى دۆلىتىمىز ھەق تەلەپ قانۇن قائىدىسىنىڭ «2-قەدەم»نى باسقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر