باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيە جىددىي خاراكتېرلىك ئاق قان كېسىلىنى داۋالايدىغان يېڭى دورىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى

2018.09.06 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسرائىلىيە ئىبرانىي ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، ئۇلار جىددىي خاراكتېرلىك يىلىك ھۈجەيرە ئاق قان راكىنى داۋالاشقا ئىشلىتىدىغان بىر خىل يېڭى تىپتىكى بىيو دورىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تەتقىق قىلىپ چىققان.

  تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يېڭى دورا جىددىي خاراكتېرلىك يىلىك ھۈجەيرە ئاق قان راكى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان چاچقاننىڭ ساقىيىش نىسبىتىنى %50كە يەتكۈزگەن بولۇپ، ئالاقىدار نەتىجىلەر يېڭى بىر قەرەللىك ئامېرىكا «ھۈجەيرە» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. نۆۋەتتە، تەتقىقات كوللېكتىپى ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرىگە ئاساسەن، يېڭى دورىنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدىكى كىلىنىكىلىق تەجرىبىسىنى ئىلىپ بېرىۋېتىپتۇ.

  تەتقىقات خادىملىرى تەتقىقاتىنى تونۇشتۇرۇپ: ھازىرغا قەدەر، ئاق قان كېسىلىنى داۋالايدىغان كۆپ ساندىكى بىيولوگىيەلىك دورىلار پەقەت ئاق قان ھۈجەيرىسى ئىچىدە بىرلا خىل ئاقسىل رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ياردەم بېرەلىگەن. لېكىن دورا ئارقىلىق نىشانلىق داۋالاش مەزگىلىدە ئاق قان ھۈجەيرىسى تېزلىكتە باشقا ئاقسىل ئارقىلىق يەنە داۋاملىق تارقالغان، نەتىجىدە ئاق قان ھۈجەيرىسىدە دورىغا چىداملىق ھالەت شەكىللىنىپ، نەتىجىسىدە ئاق قان ھۈجەيرىسى تېز سۈرئەتتە كۆپەيگەن. ئەمما ئىبنى ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقات خادىملىرى تەتقىق قىلىپ ياسىغان بۇ خىل يېڭى دورا بىر «بومبا» بولۇپ، ئۇ ئاق قان ھۈجەيرىسىنى يوقىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ھۇجۇم» قىلىپ، بىر قانچە خىل ئاقسىلنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ياردەم بىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ ئاقسىلدا بەك تەستە ئاكتىپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باشقا ئاقسىلنىڭ ئاق قان ھۈجەيرىسىدىن يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، بۇ يېڭى دورا بىلەن باشقا قوشۇمچە بىرنەچچە خىل دورىنىڭ ئۈنۈمى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا، راك كېسىلى بىمارلىرى داۋالاش قېتىم سانى ۋە ئەكس تەسىرىنى چوقۇم قوبۇل قىلىشى كېرەك، دېدى.

  جىددىي خاراكتېرلىك يىلىك ھۈجەيرە ئاق قان راكى بولسا، تەرەققىياتى تېز بولىدىغان، ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزىدىغان بىر خىل قان كېسىلى بولۇپ، ھەرقايسى ياش باسقۇچىدىكى كىشىلەر توپىدا بۇ خىل كېسەللىك كۆرىلىدۇ. يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، جىددىي خاراكتېرلىك يىلىك ھۈجەيرە ئاق قان راكىنىڭ ئاساسلىق داۋالاش ۋاسىتىسىدىكى ئۆزگىرىش چوڭ ئەمەس بولۇپ، ئاز ساندىكى بىمارلارنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولسىمۇ، لېكىن كۆپ ساندىكى بىمارلارغا نىسبەتەن، ئۇ يەنىلا بىر خىل ساقايماس كېسەل ھېسابلىنىدۇ.

  تېببىي ئىلىم ساھەسىدە ئىزچىل تۈردە جىددىي خاراكتېرلىك يىلىك ھۈجەيرە ئاق قان راكىغا قارىتا دورا تەتقىق قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا «ئىلىم - پەن. مېدىتسىناغا ئايلاندۇرۇش» ناملىق ژۇرنالغا بېسىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات دوكلاتىدا ئېلان قىلىنىشىچە، داۋالاشقا ئىشلىتىدىغان بىر خىل كىچىك ئاقسىللىق دورا تەتقىق قىلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ دورىنىڭ جىددىي خاراكتېرلىك يىلىك ھۈجەيرە ئاق قان راكىنى داۋالاشتا ئۈمىد بار ئىكەن. نۆۋەتتە، ئامېرىكىدا بۇ دورا كىلىنىكىلىق سىناق باسقۇچىغا كىرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر