باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بالىلارنىڭ نېمىشقا دائىم زېھنىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ

2018.05.29 14:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نېمە ئۈچۈن بالىلارنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى دائىم تولۇپ ئىشىپ تۇرىدۇ ۋە چارچىغىنىنى ھېس قىلمايدۇ؟ ئامېرىكا «فىزىئولوگىيەدىكى ئىلغار نۇقتىلار» ژۇرنىلىغا بېسىلغان يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، بالىلار چارچاشقا قارشى تۇرىدىغان مۇسكۇلغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، ئۇلار يەنە يۇقىرى سىجىللىقتىكى ھەرىكەتتىن كېيىن تېز ئەسلىگە كىلەلەيدىكەن، بۇ جەھەتتە ئۇلار ھەتتا كۆپ تەربىيە كۆرگەن قۇرامىغا يەتكەن تەنھەرىكەتچىلەردىنمۇ ئېشىپ كىتىدىكەن.

  فرانسىيە كلېرمونت ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئاۋسترالىيە يېدىس كوۋىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى سىناق قىلىنغۇچى ئۈچ گۇرۇپپا بالىلارغا تەتقىق ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇ ئۈچ گۇرۇپپا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 8-10 ياشغىچە بولغان ئوغۇل بالىلار، تەنھەرىكەتچى ئەمەس (چوڭلار) ۋە دۆلەت دەرىجىلىك تەنھەرىكەتچىلەر ئىكەن. تەتقىقاتچىلار سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ ۋېلىسىپىت مىنگەندىن كېيىنكى يۈرەك رىتىمى، ئوكسىگېن سۈمۈرۈش مىقدارى ۋە سۈت كىسلاتا تازىلاش نىسبىتى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى خاتىرىلىگەن، بۇ ئارقىلىق، سىناققا قاتناشقانلارنىڭ ھەرىكەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتىنى كۆزەتكەن. نەتىجىدە شۇنى بايقىغانكى، ئوغۇل بالىلار ئوكسىگېنلىق مېتابولىزمدىن تېخىمۇ كۆپ پايدىلىنىدىكەن، شۇڭا، ئۇلار كۈچلۈك ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىنمۇ بەك ھېرىپ كەتمەيدىكەن، بەدەننىڭ ئەسلىگە كىلىش سۈرئىتى ھەتتا قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭكىدىنمۇ تېز بولىدىكەن.

  تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، بالىلارنىڭ مۇسكۇللىرى چىدامچانلىق جەھەتتە چوڭلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدىكەن. بۇ جەھەت ئۇلارنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇشى، ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى ۋە ھەرىكەتكە بولغان قىزىقىشىنى يېتىلدۈرۈشى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر