- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
4- ئايدا سانائەتتىن ئېرىشىلگەن پايدا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.9 ئاشتى
2018.05.28 15:08 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى تەرىپىدىن 27- چېسلا ئېلان قىلىنغان سانائەت كارخانىلىرىنىڭ مالىيە سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە: 1- ئايدىن 4- ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئېرىشكەن پايدىلىرى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15 ئاشقان بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى 1- ئايدىن 3- ئايغىچە 3.4 پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان؛ بۇنىڭ ئىچىدە، 4- ئايدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.9 ئاشقان.
4- ئايدا، سانائەتتىن ئېرىشىلگەن پايدىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدە 3- ئايدىكى بىر قەدەر تۆۋەن سەۋىيەگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ئۆرلەش بولغان. ئۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئىشلەپچىقىرىلىش ۋە سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىنىڭ تېزلىشىشى،PPI نىڭ ئۆرلىشى، ئۇنىڭ پولات تۆمۈر، خىمىيە سانائىتى ۋە ئاپتوموبىل قاتارلىق كەسىپلەرگە تۈرتكە بولۇش رولىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولۇشى، مالىيە خىراجىتىنىڭ ئېشىشىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاستا بولۇشى ۋە شۇ مەزگىلدىكى پايدا تۈپ سانىنىڭ بىر قەدەر تۆۋەن بولۇشى قاتارلىق ئامىللاردىن ئىبارەت.
ئۇندىن باشقا، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتمۇ سانائەتنىڭ يۈرۈشۈش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى داۋاملىق ئۆستۈرگەن. 1- ئايدىن 4- ئايغىچە، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ھەر يۈز يۈەنلىك ئاساسىي تىجارەت كىرىمى ئىچىدىكى تەننەرخى خىراجىتى 92.65 يۈەن بولۇپ، بۇ جەھەتتە بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن ٪0.25 يۈەن تۆۋەنلىگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر