باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئىسلاھات- ئېچىۋېتىلگەنلىكىنىڭ 40 يىللىقى

قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى: مەبلەغنى مۇۋاپىق بىر تۇتاش پىلانلاپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاممىۋى قاتناشنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2018.05.28 13:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى لى جەنچۈەن 27-ماي يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاممىۋى قاتناش يۇقىرى سۈپەتلىك لىنىيەسى بويىچە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسىنىڭ 2020-يىلغىچە تولۇق چېكىنىپ چىقىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى 2020-يىلىغا بارغاندا قاتناش-تىرانسپورت ساھەسىدىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ سانىنى 600 مىڭغا يەتكۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن بىز يەنە خېلى چوڭ بېسىمغا ئۇچرايمىز. كېيىنكى قەدەمدە، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن پائال ماسلىشىپ، تەڭشەلگەندىن كېيىنكى يېزا يولۇچى تىرانسپورتى، تاكسىنىڭ ماي باھا تولۇقلىما مەبلىغىنى مۇۋاپىق بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئاممىۋى قاتناشنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئىشلىتىپ، ئاپتوبۇسلارنى كۆپەيتكەندە ۋە يېڭىلىغاندا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى ئالدىن تاللىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، ئېلىمىز قاتناش-تىرانسپورت ئىسلاھات-تەرەققىياتىدا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاممىۋى قاتناش مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستى. لى جەنچۇەن مۇنداق دېدى: يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەلگۈسى ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، تىرانسپورت مۇلازىمىتىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربون تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھازىر، مەملىكەت بويىچە 250 مىليون كىشى كۈندە ئاممىۋى قاتناشتا ئولتۇرىدۇ، بارلىق ساھەلەرنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئىشلىتىشى 300 مىڭدىن ئېشىپ، يېشىل سەپەرگە چىقىشنى ئۈستىگە ئېلىش نىسبىتى يىلدىن يىلغا ئاشتى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شاڭخەي، نەنجىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئۆتۈپ تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت ئاممىۋى قاتناش شەھەر قۇرۇلۇشى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش شەھىرىگە ئايلانغان، جاڭجياكو قاتارلىق 50 شەھەر «13-بەش يىل» مەزگىلىدىكى تۇنجى تۈركۈم ئاممىۋى قاتناش شەھىرى قۇرغان شەھەرگە ئايلانغان. شېنجېن «ئاممىۋى قاتنىشى ئېلېكتىرلەشكەن تۇنجى شەھەر»گە ئايلانغان، خاڭجۇنىڭ ئاساسلىق شەھەر رايونىدىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارنىڭ ھەممىسى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ۋە پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارغا ئۆزگەرتىلگەن.

  «جۇڭگو قاتناش گېزىتى»نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خەن شىيى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئومۇملاشتۇرۇش نىشانى ۋە ھازىرقى كۆلەم بويىچە ھېسابلىغاندا، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاممىۋى قاتناش بازىرى يەنىلا جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىپ، مەملىكەت بويىچە «ئاممىۋى قاتناش شەھىرى» قۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ، ئەلا سۈپەتلىك ئاممىۋى قاتناش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى ئاشۇرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر