باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلدى

4-ئايدا سانائەت پايدىسى تېز ئاشتى

2018.05.28 14:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 27-ماي ئېلان قىلغان سانائەت كارخانىلىرىنىڭ مالىيە سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە كۆلەملىك سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى بۇلتۇرقىدىن %15 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 1-ئايدىن 3-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىكىدىن 3.4 پىرسەنت پوئىنت تېزلىگەن؛ بۇنىڭ ئىچىدە 4-ئايدا، %21.9 ئېشىپ، 3-ئايدىكىدىن 18.8 پىرسەنت پوئىنت تېزلىگەن.

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى سانائەت مەھكىمىسىدىكى دوكتور خې پىڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: 4-ئايدا، سانائەت پايدىسىنىڭ ئېشىشى كۆرۈنەرلىك تېزلىدى. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى تۆۋەندىكىچە:

  بىرىنچى، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنىڭ ئېشىشى تېزلىدى. 4-ئايدا، كۆلەملىك سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقىدىن %7 ئەمەلىي ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 3-ئايدىكىدىن 1 پىرسەنت پوئىنت تېزلىدى؛ كارخانىلارنىڭ ئاساسلىق تىجارەت كەسپىي كىرىمى %10.4 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 3-ئايدىكىدىن 3 پىرسەنت پوئىنت تېزلىدى.

  ئىككىنچى، PPI قايتا ئۆرلىدى. 4-ئايدا، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى بۇلتۇرقىدىن %3.4 ئۆرلەپ، ئۆرلەش نىسبىتى 3-ئايدىكىدىن 0.3 پىرسەنت پوئىنت ئاشتى، بۇ، باھانىڭ ئۆرلىشى ئۇدا بەش ئاي ئاستىلىغاندىن كېيىن قايتا ئۆرلىشى ھېسابلىنىدۇ؛ سانائەت بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى بۇلتۇرقىدىن %3.7 ئۆرلەپ، ئۆرلەش نىسبىتى 3-ئايدىكى بىلەن تەڭلەشتى. بىر ئۆرلەش، بىر تەڭلىشىش بىلەن، كارخانىلارنىڭ پايدا بوشلۇقى كېڭەيدى. دەسلەپكى مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، باھانىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن پايدا بۇلتۇرقىدىن 84 مىليارد 970 مىليون يۈەن ئېشىپ، پايدىنىڭ ئېشىشقا تۈرتكە بولۇش رولى 3-ئايدىكىدىن 7.1 پىرسەنت پوئىنت كۆپ بولدى.

  ئۈچىنچى، پولات-تۆمۈر، خىمىيە سانائىتى، ئاپتوموبىل قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تۈرتكىلىك رولى كۆرۈنەرلىك بولدى. 4-ئايدا، مەھسۇلات باھاسىنىڭ قايتا ئۆرلىشى، بۇلتۇرقى پايدا تۈپ سانىنىڭ سەل تۆۋەنلىشى، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تېزلىشىشى، تەننەرخنىڭ تۆۋەنلىشى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە، قارا مېتال تاۋلاش ۋە يېسسىلاش-پىششىقلاش سانائىتىنىڭ پايدىسى بۇلتۇرقىدىن 2.6 ھەسسە ئاشتى، خىمىيە خام ئەشياسى ۋە خىمىيەۋى بۇيۇملار ياسىمىچىلىقنىڭ پايدىسى بۇلتۇرقىدىن %46.2، ئاپتوموبىل ياسىمىچىلىقىنىڭ پايدىسى بۇلتۇرقىدىن %12.5 ئاشتى. بۇنىڭدىن باشقا، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېچىش كەسپى، مېتاللوئىد مىنېرال مەھسۇلاتلىرى كەسپى قاتارلىقلارنىڭ پايدىسىنىڭ ئېشىشىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى. يۇقىرىدىكى بەش كەسىپنىڭ تۈرتكىسىدە بارلىق كۆلەملىك سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 13.2 پىرسەنت پوئىنت تېزلىدى.

  تۆتىنچى، مالىيە خىراجىتىنىڭ ئېشىشى كۆرۈنەرلىك ئاستىلىدى. 4-ئايدا، ئالدىنقى مەزگىللىك پېرېۋوت زىيىنى قاتارلىق ئامىللار ئاجىزلاشقانلىقتىن، كۆلەملىك سانائەت كارخانىلىرىنىڭ مالىيە خىراجىتى بۇلتۇرقىدىن ئاران %1.8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 3-ئايدىكىدىن 13.3 پىرسەنت پوئىنت ئاستىلىدى.

  بەشىنچى، پايدىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى تۈپ سانى سەل تۆۋەنلىدى. بۇلتۇر 4-ئايدا، باھانىڭ ئۆرلەش نىسبىتىنىڭ ئاستىلىشى، ئىشلەپچىقىرىش-سېتىشنىڭ ئېشىشىنىڭ ئاستىلىشى، تەننەرخنىڭ ئۆرلىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، پايدا بۇلتۇرقىدىن %14 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇر 3-ئايدىكىدىن 9.8 پىرسەنت پوئىنت ئاستىلاپ، بۇلتۇرقى ھەر قايسى ئايلارنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئىچىدە 2-تۆۋەن ئورۇندا تۇردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر