باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قۇمۇل ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن بېلەت باھاسى 1.1 ئۈلۈش بويىچە سېتىلىدۇ

2018.05.25 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-ماي، مۇخبىرنىڭ قۇمۇل ئايرودۇرۇمىدىن ئىگىلىشىچە، ساياھەت يۇقىرى پەسلىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، يېقىندا قۇمۇل ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسىدا بىر قەدەر چوڭ سالماقتا ئېتىبار بېرىلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە، قۇمۇلدىن شىخەنزىگە ئۇچىدىغان ئايروپىلاننىڭ بېلىتى ئەڭ كۆپ بولغاندا 1.1 ئۈلۈش بويىچە سېتىلىدىكەن.

  5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە، قۇمۇل ئايرودۇرۇمىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسى تۆۋەندىكىچە:

  قۇمۇلدىن ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ بېلەت باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 1.4 ئۈلۈش بويىچە سېتىلىدۇ، بېلەت باھاسى (بارلىق چىقىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 200 يۈەن؛ قۇمۇلدىن تۇرپانغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ بېلەت باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 1.3 ئۈلۈش بويىچە سېتىلىدۇ، بېلەت باھاسى 210 يۈەن؛ قۇمۇلدىن شىخەنزىگە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ بېلەت باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 1.1 ئۈلۈش بويىچە سېتىلىدۇ، بېلەت باھاسى 300 يۈەن؛ قۇمۇلدىن قەشقەرگە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ بېلەت باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 1.5 ئۈلۈش بويىچە سېتىلىدۇ، بېلەت باھاسى 390 يۈەن؛ قۇمۇلدىن شىئەنگە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ بېلەت باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 6.3 ئۈلۈش بويىچە سېتىلىدۇ، بېلەت باھاسى 1190 يۈەن؛ قۇمۇلدىن بېيجىڭغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ بېلەت باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 4.1 ئۈلۈش بويىچە سېتىلىدۇ، بېلەت باھاسى 830 يۈەن؛ قۇمۇلدىن شاڭخەيگە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ بېلەت باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 3.6 ئۈلۈش بويىچە سېتىلىدۇ، بېلەت باھاسى 1100 يۈەن؛ قۇمۇلدىن جېڭجۇغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ بېلەت باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 3.3 ئۈلۈش بويىچە سېتىلىدۇ، بېلەت باھاسى 750 يۈەن؛ قۇمۇلدىن جىنەنگە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ بېلەت باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 3.5 ئۈلۈش بويىچە سېتىلىدۇ، بېلەت باھاسى 800 يۈەن؛ قۇمۇلدىن چېڭدۇغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ بېلەت باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 4.6 ئۈلۈش بويىچە سېتىلىدۇ، بېلەت باھاسى 910 يۈەن. (بارلىق بېلەت باھاسىدا شۇ ۋاقىتتىكى تەكشۈرۈش باھاسى ئاساس قىلىنىدۇ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر