باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېزا-بازارلاردىكى شىپاخانىلار ئەلگە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزدى

2018.05.25 16:16   مەنبە: خەلق تورى

يېزا-بازارلاردىكى شىپاخانىلار ئەلگە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) مەكىت ناھىيەسى قىزىلئاۋات يېزىلىق ياشانغانلار ساناتورىيەسىدىكى 60 ياشتىن ئاشقان دېھقان مەمەت ئەمەتنىڭ سالامەتلىكى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىپ، ئۆزىنى خۇددى ياشىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىدىغان بولدى. بوۋاينىڭ قان بېسىمى يۇقىرى، يۈرەك كېسىلى بار بولۇپ، يالغۇز بولغاچقا ناھىيە دوختۇرخانىسى بىلەن ئۆيى ئارىلىقىنىڭ يىراقلىقىدىن دائىم ئۆزىدىن ئەنسىرەپلا يۈرەتتى، ھازىر بۇ بوۋاي يېزا ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يېزىدىكى ئۆزىگە ئوخشاش قارىغۇچىسى يوق 60 ياشانغانلار بىلەن بىللە تۇرۇۋاتىدۇ. يېزىلىق شىپاخانا پات-پات كېلىپ ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ، قەرەللىك دورا بېرىپ داۋالاپ تۇرغاچقا، ياشانغانلارمۇ كۈنلىرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ.

  يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا شىپاخانىلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى نەتىجىسىدە، يېزا شىپاخانىلىرىمۇ تەرەققىي قىلىپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىقى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە بولدى، يېزا-قىشلاقلاردىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئەڭ چوڭ غېمى داۋالىنىش مەسىلىسىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بولدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسەتتى: خەلقنىڭ ساغلاملىقى مىللەتنىڭ روناق تېپىشى ۋە دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. پۇقرالار ساغلاملىقى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىغا ھەر تەرەپلىمە، تولۇق دەۋرىيلىك ساغلاملىق مۇلازىمىتى قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى خەلقنى مەركەز قىلىشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «ساغلام شىنجاڭ» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەتنى ياخشىلاپ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، داۋالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، داۋالاش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشنى چىڭ تۇتۇپ، داۋالاش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

  مەكىت ناھىيەسى قىزىلئاۋات يېزىلىق مەركىزىي شىپاخانا يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار ۋە سەھىيە تارماقلىرىنىڭ توغرا يېتەكلىشى ئارقىسىدا، بۇ يىل «ئائىلە دوختۇرلۇقى» مۇلازىمەت كەسپىنى ئالاھىدە يولغا قويدى. يېزا تەۋەسىدىكى 6000دىن كۆپ ئائىلە، 27 مىڭدىن كۆپ نوپۇس بىلەن مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاپ، ئايدا بىر قېتىم ئائىلىلەرگە كىرىپ تەكشۈرۈش، تەشۋىق قىلىش، كېسەللەرنى تۈرگە ئايرىپ داۋالاش مۇلازىمىتىنى ئەستايىدىل ئېلىپ باردى. بۇ پائالىيەتلەر يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ شىپاخانىغا بولغان ئىشەنچى ئاشتى. شۇ ئارقىلىق بۇ يېزىدا نۇرغۇن بايقالمىغان كېسەللەر يېڭىدىن بايقىلىپ، بالدۇر داۋالاش شارائىتىغا ئىگە بولدى.

  بۇ شىپاخانا قىزىلئاۋات يېزسىنىڭ ناھىيە بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ يىراق بولۇشى بىلەن داۋالىنىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، شىپاخانىنى 24 سائەت ئېچىشقا كاپالەتلىك قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا ۋىلايەتلىك پارتكوم ئوتتۇرغا قويغان نامراتلارغا ئالدىن كۆڭۈل بۆلۈش، نامراتلارغا ئېتىبار بېرىش پائالىيىتىنى ئەستايىدىل ئېلىپ بېرىپ، نامراتلاردىن ھەق ئالماسلىق، ھەتتا ئائىلىسىگىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش، ھەر قانداق مۇلازىمەتنى نامرات ئائىلىلەرگە ئەڭ بۇرۇن يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئېلىپ باردى. شىپاخانا ھامىلىدار ئاياللارغا قارىتا، دوختۇرخانىغا كېلەلمەيدىغان شارائىتتا ئائىلىسىگىچە بېرىپ ھەقسىز تۇغدۇرۇپ، سۈپەتلىك تۇغۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ شىپاخانا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ رىجاۋ شەھىرى بىلەن يىراق مۇساپىلىك تور ئارقىلىق دىياگنوز قويۇش، شۇنداقلا قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى ۋە ناھىيەلىك 1-دوختۇرخانا بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، يىراق مۇساپىلىك تور ئارقىلىق دىياگنوز قويۇشقا ئالاھىدە كۈچ چىقاردى. ئۇنىڭدىن باشقا رىجاۋ شەھىرى، ۋىلايەتلىك 1-، 2-دوختۇرخانىغا دوختۇرلارنى ھەر خىل كەسىپلەر بويىچە ۋە ئۇنىۋېرسال كەسىپلەر بويىچە تەربىيەلەشكە ئەۋەتىپ، بۇلتۇر بىر يىل ئىچىدىلا يېزىلىق شىپاخانىدىن ئىچكىرى ئۆلكە، ۋىلايەت ۋە ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا 18 ئادەمنى ئەۋەتىپ تەربىيەلىدى. ئۇلار ھازىر شىپاخانىنىڭ غوللۇق دوختۇرلىرى بولۇپ، يېزا شىپاخانىسىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئۆز ھەسسىسىنى قوشماقتا.

  مەكىت ناھىيەسى قىزىلئاۋات يېزىلىق مەركىزىي شىپاخانىنىڭ باشلىقى ئابدۇرېھىم ئابلا مۇنداق دېدى: 2016-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، سەھىيە تارماقلىرى يېزىلىق شىپاخانىلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىلغار ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەپ بەردى. بولۇپمۇ B تىپلىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى، ئاپتوماتىك قان تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى رېنتىگىن ئاپپاراتلىرى خىزمەتلىرىمىزنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈردى. بىز دوختۇرخانىغا كېلەلمىگەن، ياشانغان، ئاجىزلارنىڭ ئائىلىلىرىگىچە بېرىپ، دوختۇرخانىنىڭ ماشىنىلىرىدا ئەكىلىپ ھەقسىز تەكشۈرتۈپ، دوختۇرخانىغا كېلەلمەيدىغان 1500دىن ئارتۇق ئاممىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق. بۇنىڭدىن باشقا، ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش جەريانىدا، يۇقىرنىڭ تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېزىدىكى 1400دىن ئارتۇق نەپەس يولى كېسەللىكى بىمارلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، 253 كېسەلنى بايقاپ، ئۇلارغا ئەتىگەنلىك ھەقسىز تاماق بېرىش، ھەر بىرىگە ھەر كۈنى بەش يۈەندىن ئوزۇقلۇق پۇلى بېرىش، ئاندىن داۋالاش بىلەن ئوزۇقلۇقنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئالاھىدە كۈچ چىقاردۇق.

  مەكىت ناھىيەلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇتەللىپ نىياز مۇنداق دېدى: ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشى يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ ئاساسىي داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشنى كاپالەتلەندۈرۈش. «ساغلام شىنجاڭ» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، 2020 -يىلىغا بارغاندا يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىغا يېتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  مۇتەللىپ نىياز مۇنداق دېدى: 2017-يىلى 8- ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قاتارلىق يەتتە تارماق بىرلىشىپ «ئاپتونوم رايوننىڭ ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈچ بىر تۈركۈم ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى ئوتتۇرغا قويۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئېغىر كېسەل ۋە سوزۇلما كېسەلگە گېرىپتار بولغان نامرات ئاھالىلەرنى تۈرگە ئايرىپ داۋالاپ، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئادەمگىچە، كېسەلگىچە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىز ناھىيەمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى ۋە يېزا-بازارلىرىدىكى شىپاخانىلارنىڭ شارائىتلىرىنى ھەر جەھەتتىن ياخشىلاپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «نىشانلىق داۋالاش» تەدبىرىنى قوللىنىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشقا ئاتلاندۇق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشكە مۇلازىمەت قىلىشنى ئەستايىدىل، ئىنچىكىلىك بىلەن ياخشى ئىشلەپ، …
    ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2018–يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى توغرىسىد…
    ·فۇجيەندە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 2021-يىلىدىن باشلاپ ئىجتىمائىي پەن بىلەن تەبىئىي پەنگە ئايرىش ئەم…
    ·«مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار ئوزۇقلۇق كۈنى»دە ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ‏ساغلام ئېغىرلىقىغا ئېتىبار بېر…
    ·ئوقۇغۇچىلار يازلىق تەتىللىك پويىز بېلىتى سېتىلىشقا باشلىدى
    ·ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى 10 تۈرلۈك چەكلەش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلدى
    ·ئىككى مىنىستىرلىك: ئالاھىدە ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يەرلىكتىكى ھۆكۈمەت ئىلكىدىكى مەكتەپ ئوقۇتقۇچى…
    ·ئىككى تارماق ھۆججەت چىقىرىپ، مەبلەغ ئاجرىتىپ نامرات رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارغا ياردەم پۇلى بېرىشنى…
    ·پۈتۈن مەملىكەتتىكى نامرات ناھىيەلەردە %94.7 ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ‏ئوقۇتۇش شارائىتى «تۆۋەن…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ تارماق مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى تۈزەش مەخسۇس تۈ…