بىر شەھەر ئاھالىسى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى خېنەن ئۆلكىسى جېڭجوۋ شەھىرى 27–رايون نەنسەي يولىغا جايلاشقان «كەلگۈسى دورا دۇكىنى»دىكى ئادەمسىز دورا سېتىش ئۈسكۈنىسىدىن چىقىمدان ئارقىلىق دورا ئالماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، چىقىمداننىڭ مەملىكەت بويىچە تۇنجى دورا دۇكىنى ھېسابلىنىدىغان «كەلگۈسى دورا دۇكىنى» خېنەن ئۆلكىسى جېڭجوۋ شەھىرىدە رەسمىي تىجارەت باشلىغان بولۇپ، بۇنىڭدا خېرىدارلار يۈز قىياپىتىنى تونۇتۇش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق يۈز قىياپىتىنى تونۇتۇپ ھەق تۆلەش، يىراق مۇساپىلىك ساغلاملىق مەسلىھەتى سوراش، داڭلىق دوختۇر بىلەن ئالدىن كېلىشىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى ئارقىلىق ھەق تۆلەش، 24 سائەت ئاپتوماتىك دورا سېتىۋېلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى