باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەدەبىيات-سەنئەت پىدائىيلىرى مەھەللىدە

2018.05.25 15:58         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى: 5- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى ياڭزىجياڭ يولى كوچا باشقارمىسى ياڭزىجياڭ يولى شەرقىي مەھەللىسىدە «قىزىل چىراغ خاتىرىسى» دېگەن ناخشا ياڭرىدى، بۇ مەھەللىدىكى 65 ياشلىق ئابلىكىم قادىر قوشماقلاشقان تۇغقىنى بىلەن بىللە بۇ ناخشىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن ھاياجانلاندى. 70- يىللاردا «قىزىل چىراغ خاتىرىسى» ئىنتايىن مودا ناخشا ئىدى، شۇ چاغلاردا ئابلىكىم قادىر بۇ ناخشىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئېيتاتتى. بۈگۈن ئۇ بۇ ناخشىنى قايتىدىن ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ ياشلىقتىكى قىران چاغلىرىنى ئەسلەپ قالدى.

  2018- يىلى 5- ئاينىڭ 23- كۈنى، 5- قېتىملىق جۇڭگو ئەدەبىيات- سەنئەت پىدائىيلىرى مۇلازىمەت كۈنى. ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى مۇزىكانتلار جەمئىيىتى، ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتى، سېركچىلەر جەمئىيىتى، دىرامىچىلار جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ئەدەبىيات- سەنئەت پىدائىيلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەھەللىلەرگە بېرىپ، ئاممىدىن ھال سوراپ ئويۇن قويدى. ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى ياڭزىجياڭ يولى كوچا باشقارمىسى ياڭزىجياڭ يولى شەرقىي مەھەللىسىدىكى 200 دىن كۆپرەك ئاھالە، مەھەللىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، قوشماقلاشقان تۇغقانلار ۋە مەھەللە كادىرلىرى بىرلىكتە بىر مەيدان مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆردى. ناخشىچىلار «ئۇنتۇمايلى ئۆتمۈشنى»، «دۆلەت» قاتارلىق ناخشىلار ئېيتقاندا، تاماشىبىنلار ناخشىچى ماۋ خەيجۇڭغا ئەگىشىپ قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ، ناخشىنى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئېيتتى. جۇڭگودىكى ئون داڭلىق پىدائىي، جۇڭگو پىدائىي مۇلازىمەت ئالتۇن مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، شىنجاڭ ھەربىي رايون سەنئەت ئۆمىكىنىڭ دۆلەتلىك 1- دەرىجىلىك ناخشىچىسى شامىل شاكىر ئۆزى يازغان «تەڭرىتاغ قارىغايلىرىنىڭ يىلتىزى بىر تۇتاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولايلى» دېگەن ناخشىنى ئېيتىۋېدى، ھەر مىللەت تاماشىبىنلار ۋە ئارتىسلار بەس- بەستە مەشرەپكە چۈشتى. شىنجاڭ «قارتا سېھىرگەرلىكى شاھزادىسى» دەپ نام ئالغان شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى سېرك ئۆمىكىنىڭ دۆلەتلىك 1- دەرىجىلىك ئارتىسى غەيرەت ئېزىزنىڭ چاققان سېھىرگەرلىك ماھارىتى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرسا، پارتىيەنى، ۋەتەننى، خەلقنى كۈيلەيدىغان گۈزەل كۈيلەر، لەرزان ئۇسسۇللار ئاممىنىڭ مىننەتدارلىق، ئىپتىخارلىق ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتتى.

  − بۇ قېتىمقى خەلق ئارىسىغا بېرىش، ئەدەبىيات- سەنئەت پىدائىيلار مۇلازىمەت پائالىيىتىدە ئاممىنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈيلەيدىغان نومۇرلارغا بولغان قىزغىنلىقىغا قاراپ، ئۇلارنىڭ پارتىيەگە، ۋەتەنگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بولغان يۈكسەك مۇھەببىتىنى ھېس قىلدىم، − دېدى شامىل شاكىر، − خەلقنىڭ خۇشاللىقى بىز ئەدەبىيات- سەنئەت خادىملىرىنىڭ خۇشاللىقى. بۇنىڭدىن كېيىن كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان، ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىدىغان ناخشىلارنى كۆپرەك ئىجاد قىلىپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بېيىتىشقا تىرىشىمىز.

  65 ياشلىق ئابلىكىم قادىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش- تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ ياڭزىجياڭ يولى شەرقىي مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى، قوشماقلاشقان تۇغقىنى نا جۇڭخۇا بىلەن بىللە ئويۇن كۆردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرى بەك ياخشىكەن. يېشىمىز چوڭىيىپ قالدى، تىياتىرخانىلارغا ئالايىتەن بېرىپ ئويۇن كۆرۈشىمىز قولايسىز، داڭلىق سەنئەتكارلار ئېسىل نومۇرلارنى ئىشىك ئالدىمىزغا كېلىپ قويۇپ بەردى، بۇنىڭدىن بەكلا خۇش بولدۇم.

  − بىر يىلدىن بۇيان، بىز قوشماقلاشقان تۇغقانلار بىلەن بىللە كىنو كۆرگىلى، مۇزېيغا ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى، باغچىغا ئوينىغىلى باردۇق. بۇ پائالىيەتلەر ئارقىلىق تۇغقانلار ئارا چۈشىنىشىمىز چوڭقۇرلاشتى، − دېدى بۇ تەۋەلىكتە ئولتۇرۇشلۇق پەزىلەت مۆمىن، − تۇغقىنىم ياڭزىجياڭ يولى شەرقىي مەھەللىسىنىڭ مۇدىرى ۋېن بو ماڭا ئۆي كۆچۈشۈپ بەردى، بۇزۇلغان چىراغلىرىمنى ئوڭشاپ بەردى. مەن ئۇنىڭغا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىۋاتىمەن، كۆپچىلىك خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بىر- بىرىمىزگە ياردەم بېرىپ، ئىناق- ئىتتىپاق، خۇشال- خۇرام ئۆتۈۋاتىمىز.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش- تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ ياڭزىجياڭ يولى شەرقىي مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1- شۇجىسى سەي پېيجيا مۇنداق دېدى: 5- ئاي مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى. 5- ئاينىڭ 23- كۈنى جۇڭگو ئەدەبىيات- سەنئەت پىدائىيلار مۇلازىمەت كۈنى. بىز ياڭزىجياڭ يولى شەرقىي مەھەللىسى ئاھالە كومىتېتى، مەھەللىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىرلىكتە بۇ قېتىمقى ئەدەبىيات- سەنئەت پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدۇق، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پىدائىيلىرى ئېلىپ كەلگەن ئېسىل نومۇرلار تەۋەلىكىمىزدىكى ئاھالىلەرنى ئىنتايىن خۇش قىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن، كۈچىمىزنىڭ بارىچە ھەر مىللەت ئاھالىلىرىگە تېخىمۇ مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ بېرىپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بېيىتىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر