باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا يېڭىدىن پويىز بېلىتى سېتىش كۆزنىكى تەسىس قىلىندى

2018.05.25 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: __ بۇ بىزنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا ئۈچىنچى قېتىم كېلىشىمىز، بۈگۈن قايتا تەكشۈرۈتۈشكە كەلگەن، دوختۇرخانىدىلا پويىز بېلىتى سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، مېنىڭ دەرھال كېلىپ سورىشىم، __ ئاقسۇنىڭ كۇچا ناھىيەسىدىن كەلگەن تۇرسۇنخان پازىل شۇنداق دېدى. ئۇ ئىلگىرى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا كېسەل كۆرسەتكىلى كەلسە، ئاتايىتەن پويىز ئىستانسىسىغا بېرىپ بېلەت سېتىۋالاتتى.

  5-ئاينىڭ 24-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئامبالاتورىيە 2-قەۋەت كېسەلخانا باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى جۇڭگو تۆمۈريول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن بىرلىكتە، دوختۇرخانا ئىچىدە ۋەكالىتەن بېلەت سېتىش كۆزنىكى تەسىس قىلغان. ئۇنىڭدا توردا ۋە تېلېفوندا زاكاس قىلىنغان بېلەتنى ئېلىش مۇلازىمىتىنى بېجىرگىلى بولىدىكەن، 28 كۈن ئىچىدە قاتنايدىغان پويىز بېلىتى ئالدىن سېتىلىدىغان بولۇپ، ئاھالىلەر 2-ئەۋلاد كىملىكى ۋە نەق پۇل بىلەن ئامبالاتورىيە بىناسى 2-قەۋەت كېسەلخانا باشقۇرۇش مەركىزىگە كېلىپ، بېلەت سېتىۋېلىش مۇلازىمىتىنى بېجىرسە بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر