باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ باغلىنىشلىق سودىسىنى باشقۇرۇش چارىسى» 1-ئىيۇندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

2018.05.28 13:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى 3-ماي «سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ باغلىنىشلىق سودىسىنى باشقۇرۇش چارىسى(پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)»نى ئېلان قىلىپ جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئالدى، بۇنىڭدا باغلىنىشلىق سودىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامۇۋاپىق نەپ يەتكۈزۈش خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسەت قىلىنغان. پىكىر ئېلىنغاندىن كېيىنكى «سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ باغلىنىشلىق سودىسىنى باشقۇرۇش چارىسى» 1-ئىيۇندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «پىكىر ئېلىش نۇسخىسى»دا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: سۇغۇرتا شىركىتى شىركەت تىجارىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغداپ، باغلىنىشلىق سودىنىڭ سانى ۋە كۆلىمىنى ئازلىتىپ، بازار رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. باغلىنىشلىق سودىنىڭ قۇرۇلمىسىمۇ ئېنىق بولۇپ، كۆپ قەۋەتلىك قاپلىنىش قاتارلىق مۇرەككەپ ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك. سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ باغلىنىشلىق مۇناسىۋەتنى يوشۇرۇش ياكى باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق باغلىنىشلىق سودىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە دوكلات قىلىش، ئاشكارىلاش مەجبۇرىيىتىدىن قېچىشىغا بولمايدۇ.

  سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ باغلىنىشلىق سودىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشىغا قارىتا، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى سۈرۈشتۈرۈش خېتى ئەۋەتىش، سودا قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇش، باغلىنىشلىق سودىنى توختىتىش ياكى بىكار قىلىشقا بۇيرۇش، مۇئەييەن باغلىنىشلىق تەرەپ بىلەن سودىلىشىشنى مەنئى قىلىش قاتارلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ. سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، نازارەتچىسى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى ياكى باشقا ئالاقىدار كەسىپكارلار بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇش؛ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش خاتىرىسىگە خاتىرىلەپ، ساھەلەر بويىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش؛ ئالاقىدار مەسئۇل كىشىنى ئالماشتۇرۇشقا بۇيرۇش؛ مۇۋاپىق نامزات ئەمەس دەپ بېكىتىش قاتارلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللانسا بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر