- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈچ تارماق مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىك كىرېدىتى كېپىللىكىنى ئىلگىرى سۈردى
2018.05.28 13:32 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى، بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى يېقىندا بىرلىشىپ مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىك كىرېدىتى كېپىللىك خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىنلىق يىغىنى ئېچىپ، ھازىرقى يېزا ئىگىلىك كىرېدىتى كېپىللىك خىزمىتىدە ساقلانغان بىر قىسىم بىخ، خاھىش ھالەتتىكى مەسىلىلەرگە قارىتا، ھەر دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلار ۋە يېزا ئىگىلىك كىرېدىتى كېپىللىك شىركەتلىرىدىن يېزا ئىگىلىكنىڭ مۇۋاپىق كۆلەملىك تىجارىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان سىياسەت خاراكتېرلىك ئورنىنى پۇختا ئىگىلەپ، كېپىللىك خەۋپ-خەتىرىنىڭ تۆۋەن چېكىنى قاتتىق ساقلاپ ۋە ئالدىنى ئېلىپ تىزگىنلەپ، مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىك كىرېدىتى كېپىللىك خىزمىتىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
يىغىندا يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىپ، ئىنتىزام-قائىدىلەرنى چىڭىتىپ، سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى چىڭ تۇتۇش تەلەپ قىلىندى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر