سوڭيۇەن شەھەر رايونىدا تەۋرەش سېزىمى كۈچلۈك بولدى، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ سوڭيۈەن شەھىرى نىڭجياڭ رايونى ماۋدوجەن بازىرى يامۇتۇ كەنتىدە، بىر قىسىم تاملار يەر تەۋرەشتە ئۆرۈلۈپ چۈشتى (28-ماي تارتىلغان سۈرەت).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسى تورىنىڭ رەسمىي ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، 28-ماي سائەت بىردىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ سوڭيۈەن شەھىرى نىڭجياڭ رايونىدا 5.7 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 13 كىلومېتىر، تەۋرەش مەركىزى شىمالىي پاراللېل 45.27 گرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 124.71 گرادۇس بولغان. سوڭيۈەن شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىگىلىنىشىچە، شۇ جايدا جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى قوزغىتىلغان بولۇپ، ھازىر تېخى ئۆلۈم-يېتىم كۆرۈلمىگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى