باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئورۇقلىغاندا تېرە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن

2018.05.28 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ياۋروپا سېمىزلىك يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئورۇقلاش قارا پىگمېنت ئۆسمىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدىكەن، بۇ تەتقىقات 2000دىن ئارتۇق ئورۇقلاش ئوپېراتسىيەسى بىمارلىرىغا چېتىشلىق ئىكەن.

  شۋېتسىيە گوتېبورگ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ماگدالېنا تاۋبى شىۋېتسىيەدىكى سېمىزلىك سىنىقىغا قاتناشقانلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان تەتقىقات جەريانىدا، سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشكەن. بۇ تەتقىقات ئورۇقلاش ئوپېراتسىيەسى نەتىجىسىنى كۆزىتىش ئۈچۈن بولۇپ، ئەنئەنىۋى سېمىزلىكنى داۋالاش ئۇسۇلىنى ئىشلەتمىگەن.

  سىناققا سېمىزلىك ئوپېراتسىيەسىنى قوبۇل قىلغان 2000دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان، يەنە ئوخشاش ساندىكى سېلىشتۇرما گۇرۇپپىدىكىلەر قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېشى، جىنسى، بەدەن ئۆلچەش سانى، خاراكتىرى ھەمدە يۈرەك قان تومۇرى خەتەرلىك ئامىللىرى قاتارلىق بىر قاتار پارامېتىرلارنىڭ ھەممىسى ماس كەلگەن. تەھلىلدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوپېراتسىيەنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ كېيىنكى 18 يىل ئىچىدە قارا پىگمېنت ئۆسمىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن.

  ئەمەلىيەتتە، سېلىشتۇرما گۇرۇپپا بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئوپېراتسېيە قىلىنغان گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ يامان سۈپەتلىك قارا پىگمېنت ئۆسمىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ- خەتىرى %61 تۆۋەنلىگەن، باشقا تېرە راكى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ- خەتىرى %42 تۆۋەنلىگەن.

  ئاپتورنىڭ يەكۈنلىشىچە، بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەتقىقاتتا، ئورۇقلاش ئوپېراتسىيەسى يامان سۈپەتلىك قارا پىگمېنت ئۆسمىسى خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر