باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ھەر ھەپتىدە 4~ 5 قېتىم بەدەم چېنىقتۇرۇپ بەرسە يۈرەك قان تومۇرىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۇرىدۇ

2018.05.28 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە يېڭى بىر سان «فىزىئولوگىيە ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دىيىلگەن: ھەر ھەپتىدە 4~ 5 قېتىمغىچە، ھەر قېتىم 30 مىنۇتتىن ئارتۇق ۋاقىت بەدەن چېنىقتۇرۇپ بەرسە، يۈرەك قان تومۇرىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۇرۇپ، يۈرەكنىڭ ياش بولۇشىنى ساقلىغىلى بولىدىكەن.

  يۈرەك قان تومۇرىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرۈشتىكى زۆرۈر بولغان ئەڭ ياخشى چېنىقىش «مىقدارى» كەسپى كىشىلەر ئىزچىل تۈردە مۇزاكىرە قىلىپ كېلىۋاتقان قىزىق نۇقتا بولۇپ كەلدى. ئامېرىكا ھەرىكەت ۋە مۇھىت تىبابىتى تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى تەتقىقات خادىملىرى 60 ياشتىن ئاشقان ھەمدە بەدەن چېنىقتۇرغىلى 25 يىلدىن ئاشقان 102 نەپەر ياشانغان كىشىنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنى چېنىقىش چاستوتىسى بويىچە گۇرۇپپىلارغا ئايرىپ، ئۇلارنىڭ ئارتېرىيە قان تومۇرىنىڭ قېتىشىش دەرىجىسىنى ئۆلچىگەن.

  نەتىجىدە شۇنى بايقىغانكى، ئوخشىمىغان چېنىقىش چاستوتىسى ئوخشاش بولمىغان چوڭ-كىچىكلىكتىكى ئارتېرىيە قان تۇمۇرىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ھەر ھەپتىدە 2~ 3 قېتىمغىچە، ھەر قېتىم 30 مىنۇتتىن ئارتۇق ۋاقىت بەدەن چېنىقتۇرۇپ بەرسە، باش-بويۇن قىسمىغا ئوكسىگېنلىق قان يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئاساسلىق ئوتتۇرا ئارتېرىيەدە قېتىش پەيدا بولۇشىنى پەسەيتكىلى بولىدىكەن، ئەمما كۆكرەك ۋە قورساق قىسمىغا ئوكسىگېنلىق قان يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئاساسلىق ئارتېرىيە قان تۇمۇرىنىڭ ياشلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، يەنىلا ھەر ھەپتىدە 4~ 5 قېتىمغىچە، ھەر قېتىم 30 مىنۇتتىن ئارتۇق ۋاقىت بەدەن چېنىقتۇرۇپ بېرىش لازىم ئىكەن.

  تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: گەرچە بۇ تەتقىقاتتا چېنىقىش سىجىللىقى، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇسۇلى، ئوزۇقلىنىش ئادەتلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈش دېگەندەك يۈرەك قان تومۇرى ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ئامىللارنى ئويلاشمىغان بولسىمۇ، بىراق ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى يەنىلا ئۇزاق مۇددەتلىك چېنىقىش پىلانى تۈزۈپ چىقىشقا پايدىلىق ئىكەن، بۇنىڭدا يەنىلا يۈرەك قان تومۇرىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر