باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ھەر كۈنى تۇخۇم يەپ بەرسە، ئۇنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن ئىكەن

2018.05.28 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئەنگلىيە مېدىتسىنا ژۇرنىلى. يۈرەك» ژۇرنىلىدا 5- ئاينىڭ 21 - كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۇخۇمنى پەقەت يېمەيدىغان ياكى ئاندا-ساندا يەيدىغانلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، قۇرامىغا يەتكەن ساغلام كىشىلەر ئەگەر ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى بىر تالدىن تۇخۇم يەپ بەرسە، ئۇنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشىگە پايدىلىق بولۇشى مومكىن ئىكەن.

  ئۇزۇندىن بۇيان، بەزى كىشىلەر تۇخۇم تەركىبىدىكى خولېستېرىننىڭ مىقدارى يۇقىرى، شۇڭا ئۇ تاجسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسىلى ياكى سەكتە كېسىلىنى پەيدا قىلىش خەۋپىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ، دەپ قاراپ، ئۇنى ئىستېمال قىلالماي كەلگەن. بىراق ئەمىلىيەتتە، تۇخۇمنىڭ تەركىبىدە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل، كۆپ خىل ۋىتامىن، فوسفاتىد ۋە كاروتېنوئىد قاتارلىق بىئولوگىيىلىك ئاكتىپ ماددىلار بار. بۇ خىل تەتقىقات ئەمەلىيەتتە قۇرامىغا يەتكەن ساغلام كىشىلەرگە تۇخۇم ئىستېمال قىلىش مىقدارىنىڭ يېمەك-ئىچمەك قىبلىنامىسىنى تەۋسىيە قىلىشتا ئۇنى ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. تەتقىقاتچىلار مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ تەتقىقات ئەمەلىيەتتە بىر خىل كۆزىتىش خاراكتېرلىك تەتقىقات ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا بۇ تەتقىقاتتىن ھازىرچە تېخى ئېنىق بولغان سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى خۇلاسىسىنى چىقىرىشقا بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر