- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى-مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتى 7-نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى
2015.10.20 13:27 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى-مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتى ۋە غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن «يىپەك يولى تارىخى مەدەنىيىتى» ئاساسىي تېما قىلىنغان جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى-مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتى 7-نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 17- ئۆكتەبىر گەنسۇ ئۆلكىسى لەنجۇ شەھىرى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىتىدا ئېچىلدى. يىغىنغا بېيجىڭ، شىنجاڭ، گەنسۇ، خۇنەن قاتارلىق جايلاردىكى جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى-مەدەنىيىتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 100دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى-مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان قۇرۇلغان پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان ئۇيغۇر تارىخى-مەدەنىيىتى تەتقىقاتى جەھەتتىكى بىردىنبىر ئىلمىي تەتقىقات ئاپپاراتى بولۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇر تارىخى-مەدەنىيىتى تەتقىقاتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن، ئۇيغۇر تارىخى-مەدەنىيىتى تەتقىقاتىغا ئىلمىي ئالماشتۇرۇش سەھنىسى ھازىرلاپ بەردى، شۇنداقلا مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالاقىسىمۇ كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى. (مەرھابا خەۋىرى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر