باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە پۈتۈن كۈنلۈك ئاڭلىتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقىغا بېغىشلايمەن

ئىجادكارلارغا مەدھىيە

قۇربان ساقى قادىرى

2015.12.16 17:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

 
  بۈگۈن 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى چارشەنبە، بۇنىڭدىن بەش يىل ئىگىرىكى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى پەيشەنبە ئەتىگەن سائەت 7:55 مىنۇت ئۆتكەندە، مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسىدىكى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇنغا ئالغان، كەڭ جامائەتچىلىككە تونۇلغان پىشقەدەم ئۇستاز دىكتۇرلاردىن ئابدۇقادىر ھاشىم بىلەن ئايشەم ھوشۇر جاراڭلىق ئاۋازلىرى بىلەن «مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى! مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى!» دەپ، ئارقا-ئارقىدىن ئۇيغۇر تىلىدا پۈتۈن دۇنياغا جاكارلىغان. دۆلەت شېئىرى مۇزىكىسى ئورۇنلىنىپ، يېتەكچى دىكتۇر بەختىيار تۇردى: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئەمدى مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ بېيجىڭدىن بېرىدىغان ئاڭلىتىشىنى باشلايمىز!» دەپ ئېلان قىلغان؛ قىسقىغىنە ئۇيغۇرچە مۇزىكا ۋارىيانتى ئورۇنلىنىپ سائەت ئىستىرىلكىسىنىڭ 8:00 گە تولغان سىگنالنى ئاڭلىنىشى بىلەن بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر ياش دىكتور زۇمرەت ياسىن: «بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 8:00» دەپ ۋاقىتنى ئۇقتۇرغان؛ ئۇنىڭغا ئۇلاپلا بەختىيار تۇردى: «مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى – ھەر ئاڭلىشىڭىزنىڭ باردۇر قىممىتى!» دەپ ئاڭلىغۇچىلارنى تەقەززالىق بوسۇغىسىغا باشلىغان! بىر-بىرىنى قوغلىشىپ، بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ كېلىۋاتقان ئاشۇ جىددى مىنۇتلاردا، قىزغىن، جۇشقۇن كەيپىياتقا تولغان زۇمرەت ياسىن بىلەن ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم «تاڭ ساداسى» غا بېغىشلانغان مۇنۇ ئىككى كۇبلىت شېئىرنى دىكلاماتسىيە قىلىش ئارقىلىق پايتەخت-بېيجىڭدىن ئۇيغۇر تىلىدا دۇنياغا ئاڭلىتىلىدىغان پۈتۈن كۈنلۈك پروگراممىلارنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقان:

  بىر تاتلىق شىۋىرلاش كېلەر يىراقتىن،
  تەڭرىتاغ باغرىغا-بۇغدا ئاتىغا.
  تورغايلار جۇۋ-جۇۋلاپ تۇرغان سەھەردە،
  تۆكۈلۈپ شېرىن يۈز دېھقان تاغىغا.

  ئاستانە باغرىدىن ئۇرغىغان سادا،
  دولقۇنلار ئەۋجىدە ئۈزەر يىراققا.
  يۈرەككە تېگىدۇ كېتىدۇ ئورناپ،
  باغلانغان ئىشتىياق تاڭ ساداسىغا.

  ئەشۇ دەقىقىلەردە، دىكتورلارنىڭ سۈزۈك، جاراڭلىق ئاۋازلىرى ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن-كارنىيىدىن ئەمەس بەلكى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان ئىدى. جاي-جايلار، ئۆي-ئۆيلەردىكى رادىئو ئاڭلىغۇچىلار ئالدىن ئالا تەييارلىۋالغان رادىئولىرىنىڭ چاستوتىلىرىنى كۇنۇپكىسىنى باسسىلا چىقىدىغان قىلىپ قويغاچقا، كۇنۇپكىنى بېسىپلا تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈپ تۇرغان تەقەززالىقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن رادىئولىرىنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كەتكەن ئىدى. قەلبلەرنى لەرزىگە سالىدىغان يۈرۈشلەشكەن سۈزۈك، جاراڭلىق ئاۋازلار ئار-ئارقىدىن يېتىپ كېلىپ، قەلبلەرنى قەبلەر بىلەن تۇتاشتۇرىۋەتكەن ئىدى.

  مانا، ھەش-پەش دېگىچە بەش يىل ئۆتتى. ئاتمىش ئاي ئۆتتى، 33 مىڭ 195 سائەت 2 مىنۇت رادىئو ئاڭلىتىلدى. ئۇيغۇرچە رادىئو پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىدى. پۈتۈن يەر شارىنى قاپلىدى. ئىلگىرى بېيجىڭدىن ئاڭلاش مودا بولغان بولسا، ئەمدىلىكتە ئۇيغۇرچە رادىئونى بېيجىڭدىن پۈتۈن كۈن ئاڭلاش رىئاللىققا ئايلاندى. كەڭ ئاۋامنىڭ تەقەززالىقى، تەشنالىقى قاندۇرۇلدى.

  بەش يىلدىن بۇيان مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە چاستوتىسىدىكى رادىئو خادىملىرى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرلەپ يېڭىلىق ياراتتى، پۈتۈن جۇڭگونى، پۈتۈن دۇنيانى ئۆزىگە قاراتتى. ئۇلارنىڭ ئىشچان، تىرىشچان، ئىجاتچان، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي ئىش-ئىزلىرى، غەيرەتلىك، چىداملىق، جاسارەتلىك روھى ھالىتى، بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر ئالاھىدىلىكلىرى، ھېچنىمىدىن قورقماس، ھېچكىمدىن يېڭىلمەس جەسۇرانە قىياپىتى، جەڭگىۋار جۇشقۇنلۇقى قاتارلىقلار ھەممىدىن ئېشىپ چۈشتى. ئۇلارنىڭ مۇخبىر سالاھىيىتى بىلەن ئېلىپ بارغان زىيارىتى، دىكتور سالاھىيىتى بىلەن دۇنياغا ئاڭلاتقان ھەرخىل تىپلار ۋە ئىلغارلار ھەققىدىكى ئىش-ئىزلار، ئۇلارنىڭ قەلىمى، ئۇلارنىڭ كارنىيى، ئۇلارنىڭ تىلى ئارقىلىق نامايەن بولدى.

  بۇ يەردە يەنە نامايەن بولۇۋاتقىنى ئۇلار بايقاپ، ئىزدەپ تېپىپ، دەلىللەپ تونۇشتۇرغان ئىلغار تىپلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى بولغىنى بىلەن، ئۇلارنى نامايەن قىلىۋاتقانلار يەنىلا شۇ مۇخبىرلار، دىكتور، رادىئو خادىملىرى. ئەگەر بىزنىڭ مۇخبىر، دىكتورلىرىمىزنىڭ ئەشۇ جاپالىق ئەمگىكى بولمىسا، ئۇلار باش چۆكۈرۈپ، قېتىرقىنىپ، جاپالىق خىزمەتلەرنى ئىشلىمىگەن بولسا، نەدىمۇ بىز ئاڭلىغان، تەسىرلەنگەن، ھاياجانلانغان، ئىلغار ئىش-ئىزلار، ئىلغار تىپلار بولسۇن؟ بولغاندىمۇ بۇ خەۋەرلەر قاچان بىزگە يېتىپ كەلسۇن؟ كىممۇ خەۋەر قىلىپ بىزنى ھاياجانغا سالسۇن؟ قايسى گېزىت، قايسى ژۇرنال، قاچان ئوتتۇرىغا چىقىپ كەڭ ئاۋامنى تېزلا ئىجابىي يولغا، توغرا نىشانغا باشلىيالىسۇن؟

  مانا، دەل بىزنىڭ مۇخبىر، دىكتورلىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكى، چاقماق تېزلىكىدىكى ئىنكاسى ۋە ھەرىكىتى بولغاچقا ھەمدە ئۇلار تىرىشىپ، ئىزدىنىپ ئىلغار تىپ-ئىلغار شەخسلەرنى تېپىپ چىقىپ، ۋاقتىدا كەڭ ئاۋام بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەچكىلا بىز ئەنە شۇ تۆھپىكارلار، ئىجادكارلار، جەلپكارلار كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەر بىلەن تونۇشالىدۇق. مانا مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا بىزگە تۆھپىكار بولۇۋاتقىنى، ئىجادكار بولۇۋاتقىنى، بىزنى جەلپ قىلىۋاتقىنى ئەڭ ئالدى بىلەن يەنىلا ئەشۇ بىزنىڭ مۇخبىر، دىكتور، رادىئو خادىملىرىمىز. ئۇلار ئىزدەنگۈچىلەر، ئۇلار ئىزدەپ تاپقۇچىلار، ئۇلار خەلقنى يېتەكلىگۈچىلەر، خۇلاسە قىلغاندا ئۇلار قەلب ئىنژىنىرلىرى. بىر جۈملە سۆز بىلەن يىغىنچاقلىغاندا ئۇلار تۆھپىكارلار، ئۇلار دەۋرىمىزدىكى ئەڭ ئادىل، ئەڭ ئاقىلانە جەلپكارلار.

  بەش يىل مابەينىدە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ رادىئو ئىشلىرى ئۈچۈن پۈتۈن ئۆمرىنى ئاتىغان ئىككىنچى ئەۋلاد رادىئو خادىملىرىنىڭ تىپىك ۋەكىللىرىدىن بولغان پەرھات يۈسۈپ، گۈلباھار غوپۇر، ئەسقەر تۇرسۇن، قۇرباننىسا جاپپار، بەختىيار تۇردى، ئابدۇقادىر ھاشىم ئىلھام مامۇت، دىلدار مۇھەممەت رەھىم، ئابدۇرۇسول ئابدۇرەھىم، زۇمرەت ياسىن، پاتىگۈل مۇھەممەت، ئامانگۈل ھەبىبۇللا، ئىمىنجان ئىسمائىل قاتارلىق يولداشلارنى كۆرگەنلەردىن، ئاڭلىغانلار كۆپ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئاۋازىنى ياكى ئىسمىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا غايىبانە ئاشىق بولۇپ، ئۇلارنى ياخشى كۆرۈپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە ھىكايىلەرمۇ كۆپ. ئۇلارنىڭ بىرىنچى ئەۋلاد رادىئو خادىملىرىدىن، شەرەپلىك ۋەزىپىلەرنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، يېڭى دەۋردىكى مەزمۇنلارنى تولۇقلاپ، كېڭەيتىپ، خىزمەتلەرنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىشلەۋاتقانلىقى، 3-ئەۋلاد ياش بوغۇنلارنى نىجات ئابدۇقادىر، نىجات ۋەلى ياقۇپ، مەھلىيا ئىبراھىم، شېرىنگۈل توختى، ئاراپات يۈسەنجان، كونتېكىن ئىمام، ئەنۋەر ئەركىن، پولات ئاماننۇرى، گۈزەلنۇر روزى، پەزىلەت ئارسلان، زۆھرە مۇختار، مىھرىگۈل خۇدابەردى، يۈسۈپجان ئوسمان قاتارلىقلارنى جاپالىق چېنىقتۇرۇپ، تەلەپلەرنى قاتتىق قويۇپ، ئەتراپلىق يېتىلدۈرىۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرگىنىمىزدە، شۇنداقلا ئۇلارنى نەزەرگە ئېلىپ پىكىر يۈرگۈزگىنىمىزدە، ھازىرقى قوشۇندا بار بولغان خادىملارنىڭ سۆزلەپ تۈگەتكۈسىز ئالاھىدىلىكلىرى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ سىماسىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ روھى-ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىنىمىزدا ئۇلارغا چەكسىز رەھمەت ئېيتماي، مىننەتدارلىق بىلدۈرمەي تۇرالمايمىز. بولۇپمۇ بۇ يەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر يىتۈك مۇخبىر – دىكتور – رىياسەتچى، بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر تالانت ئىگىسى بار. ئۇ بولسىمۇ ئابدۇرۇسول ئابدۇرەھىم. ئۇ ئىككىنچى ئەۋلاد رادىئو خادىملىرى ئىچىدىكى ئەڭ تولۇق يېتىشىۋاتقان، ئەڭ ياخشى بىرسى، ئۇ ھەققىدە ئىلگىرى رادىئو، گېزىت-ژۇرناللاردا بىرنەچچە قېتىم ئالاھىدە تونۇشتۇرۇشلار بولغان. ئۇنىڭ پەزىلەت، خىسلەتلىرى، ئالاھىدىلىكلىرى تونۇشتۇلغان. بۇ يەردە مېنىڭ ئۇنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىۋاتقىنىم، ئۇ مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئاساسلىق دىكتورلىرىدىن بىرسى بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆزنەك پروگرامما بولغان «مەملىكەت خەۋەرلىرى، خەلقئارا خەۋەرلەر»، «كۈندىلىك خەۋەرلەر» پروگراممىسىنى ئىزچىل ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقاندىن باشقا «تاڭ ساداسى» پروگراممىسىمۇ پۈتۈنلەي دىگۈدەك ئۇنىڭ مۇھەررىرلىكى ھەم رىياسەتچىلىكىدە بولۇۋاتىدۇ. شۇنداق تۇرۇغلۇق ئۇ يىللاردىن بۇيان «ئىچكىرىدىكى تەڭرىتاغ پەرزەنتلىرى» نى ئىزدەپ تېپىپ، كۆرۈشۈپ، زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى تەپسىلىي ئىگەللەپ، كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى. شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى قەۋەت-قاتلاملاردىكى مەشھۇر زاتلار بىلەن ئۇچرۇشۇپ، ئۇلارنى زىيارەت قىلىپ نۇرغۇن ياخشى خەۋەر، ياخشى مەزمۇن، ئەھمىيەتلىك ماتېرىياللار بىلەن خەلقىمىزنى تەمىنلىدى. ساغلاملىق ھەققىدە ئىجادكارلارنىڭ ئىجادى ھەققىدە، مەيلى ئۆتمۈش، مەيلى تارىخ ۋە ياكى ھازىر ھەققىدە، ئىلىم-پەن ھەققىدە، ئۆگۈنۈش ھەققىدە، ھەتتاكى قۇرئان كەرىم، ھەدىسىلەردە ئېيتىلغان ياخشى ئىنسان، مۆمىن مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن «ھىدايەت گۈلزارى» كىتابىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئامانلىقى، خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى، مىللەتلەرنىڭ ئىناقلىقى، ئائىلىنىڭ ئىناقلىقى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى قاتارلىق جەھەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان، ئىجابىي يېتەكلەيدىغان نۇرغۇن ياخشى ئوبراز، ياخشى تىپ، كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەرنى رادىئو ئالدىغا باشلاپ كېلىپ ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى. ئۇنىڭ ھەر بىر قېتىملىق زىيارىتى، ھەربىر زىيارەت قىلىنغۇچىنىڭ زۇمرەت مارجاندەك سۈزۈك، ئېنىق، چۈشىنىشلىك، جەلپ قىلارلىق بايانلىرى، قايىل قىلارلىق ھالدا بولۇۋاتقان تونۇشتۇرۇشلار كىشىلەرنى ھەقىقەتەن جەلپ قىلدى.

  ئابدۇرۇسول ئابدۇرەھىمنىڭ ھەربىر تۆھپىكار بىلەن ئېلىپ بارغان زىيارىتى، ئۇنىڭ يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن تۆھپىكارلار بىلەن ئېلىپ بارغان زىيارىتى، ھەممىنى يىغىنچاقلىغاندا ئابدۇرۇسول ئابدۇرەھىمنىڭمۇ زور تۆھپىكارلاردىن ئىكەنلىكى ھەمدە بىزنىڭ بارلىق مۇخبىر، دىكتور، رادىئو خادىملىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئالاھىدە تۆھپىكارلاردىن ئىكەنلىكى دەلىللىنىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرى داۋاملىق ھالدا ئۆز ئەھمىيىتىنى تېپىۋاتىدۇ. شۇڭا مەن 5-يىلغا ئاتىغان بۇ ماقالەمدە ھەممىگە ئورتاق بىر تېما قويۇپ، داستان يېزىپ ئەۋەتتىم، قوبۇل قىلغايسىلەر.
【1】 【2】 【3】 【4】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر