باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە پۈتۈن كۈنلۈك ئاڭلىتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقىغا بېغىشلايمەن

ئىجادكارلارغا مەدھىيە(3)

قۇربان ساقى قادىرى

2015.12.16 17:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىجادنىڭ مەنبەسى ئىلىم-پەن بىلىم،
  ئەڭ ئاۋۋال ئۆگەنگەن شۇ بىرەر كىتاب.
  بېرىلىپ ئۆگىنىپ تەكتىگە يېتىپ،
  سىرلارنى ئېچىشقا ئالغان ھەم خىتاب.

  ئىنتىلىش، ئىزدىنىش، تىرىشچانلىقتىن،
  «باتۇر» دەپ ئاتالغان «توكۇر» ھەم «چۇلاق».
  ئۇلارغا يول بەرگەن، مەدەت بەرگەنلەر،
  ئۇستاز ھەم يانداشقان ئىلىم-پەن بۇلاق.

  تىرىشقان ئىنساننىڭ ئىجاد يولىدا،
  شام بولۇپ يانغىنى ئۆگەنگەن بىلىم.
  شۇ بىلىم مەنبەسى بۇلاق بولغاچقا،
  بىر ئىچىپ قانمايدۇ بولسا كىمدە-كىم.
  

    بۇلاقتىن سۇ ئىچىپ بىلىم ئۆگەنگەن،
  ئىلىم-پەن ئىشقىدا كۆيگەن ئەۋلادبىز.
  ھەر باسقان قەدەمدە يېڭى ئىزنا بار،
  ئىجاد قىپ ياشىغان باتۇر خەلقىمىز.

  خەلقىمىز ياراتقان ئىجاد-ئەمگەكلەر،
  ئەجدادلار ئىزىنى يول ئېچىپ باسقان.
  ئايرۇپىلان، ماشىنا...تۈر-تۈردىن ياساپ،
  كۆكسىگە شەرەپتىن گۈل-مىدال ئاسقان.

  ئەجدادلار قېنىدا ئىجادنىڭ قېنى،
  ئۇ قان ھەم ئەۋلادقا ئۇلىشىپ ئاققان.ئ
  ئەۋلادمۇ ئۈزمەستىن ئىجاد قىلغاچقا،
  قانغا قان قوشۇلۇپ ئىجادقا ئاققان.

【1】 【2】 【3】 【4】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر