2015.12.16 17:46 مەنبە: خەلق تورى
ئىجادكارلارغا مەدھىيە
ئىنسانلار توپىدا ياشىغان بىز خەلق،
ئىجاد قىپ ياشىدۇق ئىنتىلىش بىلەن.
ئىنتىلىش ئىنسانغا بېرەر مەۋجۇتلۇق،
ھاياتلىق كۆكلىمەس جىم تۇرۇش بىلەن.
ئىنسانلار ئىنتىلىپ، كۆكلەپ ياشايدۇ،
تامچە سۇ دەريا ۋە دېڭىز بولغاندەك.
بىزمۇ ھەم ئىنتىلىپ، ئىجاد قىپ كەلدۇق،
ھەر ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇپ قويغاندەك.
ئىجاد- ئۇ ئىنساننىڭ پىكىر جەۋھىرى،
چىن دىللىق-راستچىللىق ئىجادنىڭ ئۇلى.
خەلقىمىز ئەجدادتىن راستچىل بولغاچقا،
خۇش بۇي ھىد چاچماقتا ئىجاد گۈللىرى.
ئىنتىلىش، تىرىشىش، بوشاشماسلىقتىن،
ئەجدادلار ئۆزىگە تاپقان چىن ھايات.
ياشاشقا ئۈندىگەن ئەۋلادلارنىمۇ:
«ئىنتىلمەي جىم تۇرساڭ بولىدۇ ئۇيات.»
شۇ ۋەجىدىن خەلقىمىز ئىجاد قىپ كەلدى،
ئىنساندىن – ئىنسانغا نەپلەر يەتسۇن دەپ.
كىتابلار يېزىلدى ھەتتا قامۇسمۇ،
تارىخىي سىرلارنى بەتلەر يەشسۇن، دەپ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت