2015.12.16 17:46 مەنبە: خەلق تورى
ئەجدادلار ئىجادتا گۈللەپ ياشىغان،
ئەۋلادمۇ ئىجاد قىپ كۆكلەپ ياشىغان.
ئىنساننىڭ چىن بۇرچى «ئىجاد» بولغاچقا،
ئىجاد قىپ داۋاندىن، داۋانلار ئاشقان.
ھەر كىمنىڭ تەقدىرى ئەقىل بۇلىقى،
ئۆزىنىڭ ئالقىنى ئىككى قولىدا.
ئىجادسىز ھاياتنىڭ مەنىسى بولماس،
«ئىجاد» ئۇ ھەمراھدۇر ھايات يولىدا.
ئىقتىدار يوق ئەمەس گەپ ئىنتىلىشتە،
«ئىجاد» دەپ ئىزدەنگەن بىر ئىنسان ئۈچۈن.
توختىماي ئىزدىنىپ بىلىم-كۈچ بىلەن،
نەتىجە ياراتساڭ بولىسەن پۈتۈن!
دىمەك، بىز ئىنساندا ئەقەللى ئۇقۇم،
مەۋجۇتلۇق، ئىنتىلىش، ئىجادىيەت بار.
ھاياتتا ئىنسانغا ئىجاد بەك زۆرۈر،
تۆھپىكار باتۇرغا ئىجاد مەڭگۈ يار.
مەدھىيە ئوقۇدۇق ئىجادكارلارغا،
تۆھپىكار بۇ بىزنىڭ باتۇر خەلقىمىز.
سىزىمچان مۇخبىرلار بايقاپ تاپقاچقا،
نامايەن بولغۇسى مەۋجۇدلىقىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت